ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى-ئا ق ش ۋە خىتاي توقۇنۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى بولماقچىمۇ؟

مەلۇمكى، دۇنيا سەھنىسىدىكى بىرىنچىلىك ئۈچۈن ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك كۈرەش بولغان بولسا، ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ، ئا ق ش ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈچەيمەكتە.

0:00 / 0:00

دۇنيادا قېلىپلاشقان ۋەزىيەت ئا ق ش نى ئۆز سىياسىتىنىڭ بەزى يۆنىلىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.

يېقىندا ئا ق ش ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە باشقا ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىشى يېقىن شەرق ئەمەس، بەلكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بولماقچى.

رۇسىيىنىڭ «كوممېرسانت ۋلاست» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مىللىي ئېنېرگىيە ئىنستىتۇتى مۇدىرى سېرگېي پراۋوسۇدوفنىڭ «خىتايلار توقۇنۇشى. ئا ق ش ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە باشقا ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىش تۇتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى» ناملىق ماقالىسىدە، ئا ق ش نىڭ بۇ يېڭى يولىنىڭ باش مەقسىتى خىتاينى توختىتىشتىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرگەن. ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتاي ئىچكى ئومۇمىي مەھسۇلات كۆلىمى بويىچە ياپونىيىنى قوغلاپ ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا چىققان، ئەمدى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بويىچە ئا ق ش تىن ئۈزۈپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھازىر بولسا ئانالىزچىلار خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى لىدىرى بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىتنىڭ كېتىدىغانلىقى ئۈستىدە بەسلەشمەكتە ئىكەن.

لېكىن ماقالە ئاپتورى بۇنىڭغا ئانچىكى ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەپ يازغان:
«1970-1980-يىللىرى ھەممە ياپونىيىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئىچكى ئومۇمىي مەھسۇلات كۆلىمى بويىچە ئا ق ش نى قوغلاپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى، ئامما بۇ يۈز بەرمىدى. ياپونىيە ئىقتىسادى چوڭقۇر چۈشكۈنلۈككە پاتتى ھەم ئەمدى ئۇنىڭدىن بىرەر ئىلگىرىلەشنى ھېچكىم كۈتمەيدۇ. ئامما بۇ يەردە شۇنى چۈشىنىش لازىمكى، ياپونىيە، ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىنىڭ شىددەتلىك ئۆسۈشى ئا ق ش نى قاتتىق چۆچۈتمىگەن ئىدى. چۈنكى سىياسىي نۇقتىنەزەرىدىن ئېلىپ قارىغاندا، بۇ مەملىكەتلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان: ھەم ياپونىيە، ھەم گېرمانىيە يېرىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىن تارتىپ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى ئورۇنلاشقان. خىتاي-باشقا ئەھۋال. بۇ مەملىكەت ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزۈشكە ئىنتىلمەكتە ھەم ئۆز شىركەتلىرىنىڭ چەتئەل بازارلىرىغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇلار ئامېرىكا بىرلەشمىلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.»

ماقالە ئاپتورى بىۋاسىتە خىتايدىكى مەۋجۇت ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئىلگىرى، ئامېرىكىلىق ئىستراتېگلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سىياسىي تۈزۈمىنىڭ پەيدىن-پەي راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئۇلار تىجارەتچىلەر ھەم ھاللىق پۇقرالار سانىنىڭ ئۆسۈشى سىياسىي تۈزۈمنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە، يەنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتنى مونوپول قىلىشتىن باش تارتىشىغا ئېلىپ كېلىشىگە ئۈمىد باغلىغان ئىدى. مۇنداق شارائىتتا، ئامېرىكىلىقلارغا خىتاي ئىستراتېگىيىسىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئوڭاي بولغان بولار ئىدى. ئامما بۇ يۈز بەرمىدى. خىتايلار تىجارەتچىلەرنىڭ پارتىيىگە ئۆتۈشىگە رۇخسەت بەردى، ئەمدى سايلاملارنى بولسا پەقەت يەرلىك دەرىجىدە ئۆتكۈزمەكتە. ئا ق ش دا ئىنتايىن كۆپ كىتابلار ۋە ماقالىلەر چىقىۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردا خىتايدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى — دېھقانلارنىڭ ھەم شەھەر تۇرغۇنلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەت ئاھالىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، ئەكسى پىكىر قىلغۇچىلار پائالىيىتى تەپسىلىي ھالدا ئانالىز قىلىنماقتا.»

پراۋوسۇدوفنىڭ پىكرىچە، كۆپلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، ئېھتىمال، چەتئەللەردىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمەكتە، ئامېرىكىلىقلار خىتايدىمۇ «رەڭلىك ئىنقىلاب» يۈرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ، ئامما مۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكى كۆپ ئەمەس، چۈنكى خىتايدا ئامېرىكا مەخسۇس ئورگانلىرىنىڭ مەۋقەسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي شۇنداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەرىجىسىگە يەتكەنكى، بۇ مەملىكەتتىكى ھەر قانداق ھاكىمىيەت ئىختىيارسىز تۈردە ئا ق ش غا قارشى چىقالايدۇ، ھەتتا «رەڭلىك ئىنقىلاب» ئۇتقان ھالەتتىمۇ خىتايدىكى ئامېرىكىپەرەس رەھبەرلىك ئۇزاق تۇرالمايدۇ.

مۇنداق ئەھۋاللاردا، دەپ يازىدۇ ئۇ يەنە:
«ئامېرىكىلىقلار ئاساسىي دىققىتىنى، كۆپرەك مەملىكەتنىڭ شەرقىگە ئورۇنلاشقان ئىقتىسادىي تەرەققىي ئەتكەن قىرغاق بويىدىكى رايونلار ۋە دېھقانچىلىق مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى پارچىلىنىشنى ئىلھاملاندۇرۇش ھېسابىغا ۋەزىيەتنى تۇراقسىزلاندۇرۇشقا قارىتىدۇ.»

ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ئانالىز قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، يەنى بولۇپمۇ قىرغاق بويىدىكى رايونلارنىڭ ئا ق ش، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش تەرەققىي ئەتكەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ھېسابىغا گۈللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى قالغان ئاھالىنىڭ كەمبەغەللەشكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا ئۇ، ئا ق ش نىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، تەيۋەن ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرغاق بويى رايونلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئەھۋال توغرىسىدا توختالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رايونغا ئورۇنلاشقان سپراتىل ۋە پاراسىل ئاراللىرى خىتاي ۋە ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ماقالىدە، بولۇپمۇ مەزكۇر رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلار ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولۇش مۇمكىنلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئا ق ش ۋە رۇسىيىنىڭمۇ جەلپ قىلىنىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.