ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانا ئۇچرىشىشىدا مۇھىم مەسىلىلەر قارالدى

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانىدا ئېچىلغان نۆۋەتتىكى ئومۇمىي يىغىنى 2-دېكابىر كۈنى ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇردى. خابار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقان.

0:00 / 0:00

ئۇ مىسىر، شۋېيتسارىيە، ئەنگلىيە، تاجىكىستان، ئېستونىيە، خارۋاتىيە، چېرنوگورىيە ۋە ۋېنگرىيە دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي ۋەكىللىرى بىلەن مۇستەقىللىق سارىيىدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلار ئىككى تەرەپلىمىلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ھەم ئاستانا ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاستانا يىغىننىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە ئافغانىستان، پرىدنېستروۋىئې، تاغلىق قاراباخ، گرۇزىيەدىكى توقۇنۇشلارنى، شۇنداقلا قىرغىزىستاندىكى جىددىيچىلىك ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. ئىككى كۈنگە سوزۇلغان بۇ يىغىندا سۆزگە چىققۇچىلارنىڭ بارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدى، دەپ خەۋەر قىلىدۇ "كومسومولسكايا پراۋدا قازاقىستان" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇچرىشىشىنىڭ مەركىزىدە - توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى يۇلىيا نىتچېنكو. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سۆزگە چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ب د ت ياۋروپا تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمدى گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بولسا ياۋروپا تەشكىلاتىنىڭ پرىدنېستروۋىئې، تاغلىق قاراباخ، شۇنداقلا گرۇزىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ رۇسىيىنىڭ ناتو، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغىمۇ چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن، دېيىلىدۇ ماقالىدە. يۇلىيا نىتچېنكو شۇنداقلا گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل سائاكاشۋىلىنىڭ رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى نىك كلېگنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابخازىيەدىن چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، رۇسىيە ۋەكىللىرى بۇ مەسىلىدە باشقا مەۋقەنى تۇتقان. مۇبادا ئاستانا يىغىنىنىڭ خۇلاسە ھۆججىىتىدە گرۇزىيىدىكى توقۇنۇش كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولسا، موسكۋا ئۆزىنىڭ بۇ ھۆججەتنى قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئا ق ش دۆلەت كاتىپى ھىللارىي كلىنتون، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەلدىكى ۋەزىيەتنىڭ پۈتكۈل ياۋروئاسىيا رايونىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. روزا ئوتۇنبايېۋا ياۋروپا تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ رايوندىكى چېگرا بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئاستانا ئۇچرىشىشىنىڭ 2-دېكابىردىكى ئولتۈرۈشنىڭ بىرىنچى كۈندىكىگە قارىغاندا كەسكىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سلوۋېنىيە پرېزىدېنتى دانىلو تۈرك توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناتو بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلغان. ئۇ بىرىنچى نۆۋەتتە ئەڭ ئۇزاق ۋاقىتقا سوزۇلۇۋاتقان تاغلىق قاراباخ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتكەن. خەۋەرلەردە شۇنداقلا ليۇكسېمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى جان ئاسسېلبورننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا توختىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار بويىچە دۆلەت كاتىپى يۇتاكا باننونىڭمۇ شۇنداق پىكىردە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ياپونىيە ۋەكىلى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئا ق ش بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا لىتۋا پرېزىدېنتى دال گرىبائۇسكايت ئۆز ئېلىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى، مۇخبىرلارنى قوغداش، دېموكراتىك ۋە ئەركىن سايلام مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مۇخبىرلار ھوقۇقلىرىنى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش مەسىلىسىنى ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرۇس ئانسىپمۇ قوزغىغان. ئەمدى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رادد بولسا دىن ئەركىنلىكى، دىنلار ئارا ھەمكارلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان بوشلۇقىدا مۇشۇ مەسىلە بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا قازاقىستان سىياسىتىنى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يىغىن ئاخىرىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف سۆزگە چىقىپ، "بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنى قارشى ئېلىشقا " ناملىق ئاستانا ھۆججىتىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ن. نازاربايېف " بۇ، بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىككە، تىنچلىققا بولغان ئۈمىدىگە جاۋاب بېرىدىغان ئومۇمىي تارىخىي ئۇتۇقىمىزدۇر" دېگەن.