ئاستانادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئاياغلاشتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.06.17
2011.06.17
RIA Novosti
«خابار» ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەر رەھبەرلىرى مۇزاكىرە داۋامىدا ئون يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار بىلەن بىر قاتاردا كېلەچەك پىلانلىرىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان. ئۇچرىشىش داۋامىدا قارالغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەقەنى ياۋروئاسىيا ۋە پۈتكۈل دۇنيا تارىخىدىكى ئاجايىپ باسقۇچ دەپ ئاتىغان.
پرېزىدېنت تەشكىلاتنىڭ ئون يىل مابەينىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭ ئىنستىتۇتىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئالدى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزىنى ئافغانىستاندىن ئىزدەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا گائاگا سوتى رەھبەرلىكىگە بىر توپ تەكلىپلەر بىلەن چىقىپ، خەلقئارا دەرىجىدە تەرگەۋ يۈرگۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەكلىپ قىلغان.
نۇرسۇلتان نازاربايېف تەشكىلاتنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە، بىرىنچىدىن، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەشتە، شۇنداقلا توقۇنۇشلارغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىككىنچىدىن، بىرىككەن ترانسپورت بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدىكى توسالغۇلارنى كۆپلەپ قىسقارتىش، شۇنداقلا يېڭى بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇش، تۆتىنچىدىن، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر مەركىزىنى تەشكىل قىلىش، بەشىنچىدىن بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپلىرىنى بەرگەن.
يىغىنىدا سۆزگە چىققان تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەر ۋە بايقىغۇچى ھوقۇقىدا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئون يىللىق پائالىيىتىگە ھەم ئۇنىڭدىكى قازاقىستاننىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇنىڭدا قوبۇل قىلىنغان ئاستانا خىتابنامىسى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي خۇلاسە ھۆججىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا تەشكىلات پائالىيىتىگە باھا بېرىلگەن ۋە كەلگۈسى پىلانلار كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىكى باش مەسىلىلەر بولۇپ رايون ۋە ئاخبارات بىخەتەرلىكى، چېگرا رايونلىرىدىكى جىنايەتكە قارشى تۇرۇش، ترانسپورت، ئاگروسانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، سودا ۋە ساياھەت ساھەلىرىدە بىرىككەن لايىھىلەرنى ۋە باشقىلارنى ئالغا سۈرۈش نىيەت قىلىنغان.
ئەمدى «قازاقىستان تودېي» ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن تاشقىرى سالامەتلىكنى ساقلاش، سۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشنىڭ يىغىن كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە 2004-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 500 دىن ئوشۇق تېررورلۇق ھەرىكەت يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
رۇسىيىنىڭ بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئېنىق بولۇشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى ھەم ئۇنىڭغا بايقىغۇچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدا بەزى سۈركىلىشلەرنىڭ، ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە: بۇ خىل ئىختىلاپلار بولۇپمۇ، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈشتە رىقابەتكە چۈشكەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، ئۆزبېكىستاننىڭ تەشكىلاتتىكى مەۋقەسىدە، تەشكىلاتقا ئەزالىققا ئىنتىلىۋاتقان ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە، ئىراننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەۋقەسىدە بايقالماقتا. رۇسىيىنىڭ «كومممېرسانت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رولىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن رۇسىيە ھىندىستاننى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىشقا تارتماقتا» ناملىق ماقالىدە خىتاينىڭ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئەمدى رۇسىيىنىڭ بولسا تەشكىلاتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆز مەۋقەسىنى ساقلاشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە شۇنداقلا ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇۋېلىپ، ھەتتا ئاستانا ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشتا بىرەر مەسىلە چىقىرىشقا قادىر ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن رۇسىيىنىڭ گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېفنىڭ دەررۇ ئاستاناغا ئەمەس، بەلكى تاشكەنتكە ئۇچۇپ كېلىپ، ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېيتىلغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۆزبېكىستاندا مىسىر ۋە لىۋىيە ئىنقىلابلىرىغا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشىنى مۇتلەق خالىمايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە ئۆزبېكىستانغا ياردەم كۆرسىتىشنى داۋام قىلماقتىكەن.
«ر ب ك داىلي» ھەپتىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ھىندىستان ۋە پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا» ماقالىسىنىڭ ئاپتورى تاتىيانا كوسوبوكوۋا ھىندىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يەر جېدىلى مەسىلىسىنىڭ بارلىقىدىن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى «رىئا نوۋوستى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى: ئەھمەدنىجاد خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ چىدامىنى تۈگەتتى» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدنىجاد ئاستانا ئۇچرىشىشى مەجلىسلىرىنىڭ بىرىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاتتىق رەنجىشىنى بىلدۈرگەن ھەم تەشكىلات ئەزالىرىنى ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ماقالىدە شۇنداقلا بەزى ئانالىزچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە قارىغاندا، ئىرانغا ھەربىي ۋە سىياسىي ياردەم بېرىۋاتقان رۇسىيىنىڭ ئەمدى بارا-بارا بۇنىڭدىن چېكىنىپ، غەرب بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، موسكوۋسكىئې نوۋوستى» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شاڭخەي تەشكىلاتى ھەقىقەتەن خىتاي تەشكىلاتى بولدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاركادىي دۇبنوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاستانادا ئاياغلاشقان ئۇچرىشىش شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى خەۋپىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرى قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. ئەمما بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا تەشكىلات ئەزالىرى ھازىرچە قادىر ئەمەس». ماقالە ئاپتورى بۇنى «خىتاي ئەمەس» دۆلەتلەر، يەنى تەشكىلات ئەزالىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئاستانادا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقى بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، «موسكوۋسكىئې نوۋوستى» گېزىتىنىڭ دىپلوماتىيىلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلىرى بويىچە، نازاربايېفنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ رەسمىي پروگراممىسىدىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ بەش ئەزاسى پرېزىدېنتلىرىنىڭ «مەركىزىي ئاسىيا-رۇسىيە» قۇرۇلمىسى ئاستىدا يېپىق مەجلىس ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنگەن ئىكەن. ئەمما ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف يەنە بىر مەركىزىي ئاسىيا دۆلىتى بولغان تۈركمەنىستاننىڭ قاتنىشىسىز مۇنداق ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاپتور تاشكەنتنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن كېيىن مۇنداق چارە-تەدبىرلەرگە قاتتىق قارشى بولغان خىتاي نارازىلىقىنىڭ ئوچۇق تۈردە بېسىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گېرمانىيىنىڭ «تاگېزېيتون گېزىتى» نىڭ «شەرق ناتوسى ئۆز تەۋەللۇدىنى نىشانلىماقتا» ناملىق ماقالىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۆزىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مۇداپىئە ئىتتىپاقى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە دەپ كېلىپ، ئافغانىستاننى تەشكىلاتقا جەلپ قىلىشتا جۈرئەت كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى، 2010-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا قادىر بولالمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە شۇنداقلا 2008-يىلى گرۇزىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا رۇسىيىنىڭ تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئەكسىچە، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ قەتئىي تەلىپى بويىچە بۆلگۈنچىلىكنىڭ تېررورلۇق بىلەن تەڭلەشتۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلغان. بۇنىڭ بارلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا پىكىر بىرلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، بەزى مەسىلىلەردە كۈچلۈك ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.