ئاتا - ئانىنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى

ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردىمىنى ئايىماسلىق پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئادا قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەب، شۇنداقلا ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق - پەزىلەتتۇر. ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئورناتقان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئاتا - ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئاتا - ئانىنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" دۇنيا كىشىلىرى ئىچىدە سىزنى ھەممىدىن سۆيىدىغىنى، سىز گە ئەڭ ياخشىلىق قىلىدىغىنى، ئىشىڭىزغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، بەخت - سائادەتلىك بولۇشىڭىزغا ئەڭ ھېرىس بولىدىغىنى سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزدۇر. ئۇلار سىزنىڭ مەۋجۇدلىقىڭىزنىڭ سەۋەبچىسى، ھېچ نەرسىگە كۈچىڭىز يەتمەيدىغان ئاجىز ۋاقتىڭىزدا سىزنى ئاسرىدى، تەربىيىلىدى، خوشاللىقىڭىز ۋە راھىتىڭىزنى دەپ كۆپ مۇشەققەتلەرنى تارتتى. ئانىڭىز بولسا كېچىلىرى كىرپىك قاقماستىن سىزنى ئېمىتىش ۋە ئاستىڭىزنى قۇرۇقداش ئىشلىرى بىلەن شېرىن ئۇيقۇسىنى سىزنى دەپ ئۆزىگە ھارام قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئاتا - ئانىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ سىزدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىپ بولالمايسىز. شۇ سەۋەبتىن ئاتا - ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەمىشە ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەتلەش سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە پەرز ۋە قەرزدۇر. مەلۇمكى، ئۆز ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا يەتكۈزەلمىگەن ئادەمنىڭ قەۋم قېرىنداشلىرى، ئەل - ئاغىنىلىرى، ئۇستازلىرى، خىزمەتداشلىرى، خوشنىلىرى، شۇنداق كوللېكتىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئاتا - ئانا دەرەخنىڭ ئۇلىغا، پەرزەنت دەرەخنىڭ شېخىغا ئوخشايدۇ. شاخ ئۇلىنىڭ قەدرىنى بىلمىسە، شاخنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ."

ئاتا - ئانا ھەققىدىكى تەۋسىيەلەر

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش ۋە ئۇلارغا ياخشلىق قىلىش ھەققىدىكى تەۋسىيەلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:" ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: " پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: "ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن" دېگىن." پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ:" ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقىدا"، " جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا" دېگەن تەۋسىيەلەرنى قىلغان. بۇ ھەدىسلەر، ئۆز ئاتىسىنى رازى قىلالمىغان ئادەمنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىپ ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشەلىشىنىڭ، ئانىسىنى ياخشى قاراپ ئاسىرىمىغان كىشىنىڭ جەننەتكە كىرەلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاتا - ئانا ھەققىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ئۇلارغا كامالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئىككى ھەدىس كۇپايە دەپ قارايمەن."

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كىشى ئاللاھنى ۋە ئۈستىدىكى ئاتا - ئانا ھەققىنى تونۇپ قوبۇل قىلسا ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ: گۇناھ - مەسىيەت بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا ئاتا - ئانىسىنىڭ بۇيرىغانلىرىغا بويسۇنىدۇ، توسقانلىرىدىن يانىدۇ. ئاتا - ئانىسىنى ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا كەمتەر بولىدۇ، گەپ سۆزدە ۋە جىمى ھەرىكەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىدۇ، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلمايدۇ، يول يۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭمايدۇ، ئايالى ياكى بالىلىرىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تەرەپتىن ھەمىشە خەۋەر تېپىپ تۇرىدۇ، ھەممە ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلاردىن ئۆزۈر سورايدۇ، ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا ئولتۇرمايدۇ، ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۇتىنى سۇنمايدۇ، ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، خۇددى ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا زىيارەت قىلىپ تۇرغاندەك زىيارەت قىلىپ، ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەققىدە سەدىقە بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. قىسقىسى، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىدۇر. ئاتاقلىق ئەدىب مۇھەممەد سىدىق بەرشىدىي ئېيتقاندەك، " ئاتا - ئانىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەققى شۇكى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەن دۇنياغا كەلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئاناڭنى ھەمىشە ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل."