ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان بۈيۈك ئالىم دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى ئاتېئىزمنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئاتېئىزم ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ھازىرقى مەنىسى بىلەن قەدىمدە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. «ئاتېئىزم» سۆزى پەقەت ھەق دىننىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگەشمىگەنلەر ياكى كۆپ ئىلاھلىق باتىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىغان ئاز ساندىكى شەخسلەر ئۈچۈنلا قوللىنىلغان ئىدى. قۇرئان كەرىمىنىڭ جاسىيە سۈرىسىدىكى: [قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلار:" ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلۈمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز)، پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز " دەيدۇ. ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەنلا سۆزلەيدۇ] دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئاللاھنى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكى ۋە پەقەت گۇمان، خىيال ۋە خاتا تەسەۋۋۇرغىلا تايىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. دەرۋەقە، ئاتېئىزمچىلارنىڭ ئىلمىي ئاساسقا يۆلەنمىگەن بۇ پۇچەك پەلسەپىسى ئۇزۇنغا بارمىدى. ياۋروپانىڭ فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە باشقا تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلمىغان، قاراڭغۇلۇق ئەسىرلىرىدە خېلى بازار تېپىپ قالغان بۇ سەپسەتە ئېقىمى ئاللانىڭ بارلىقىنى ئىلمىي ئاساستا ئىسپاتلىغان ئىلىم - پەن ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى ۋە ھامان سەھنىدىن چۈشكەن ئىدى. زامانىمىزدا ئىلىم - پەن ساھەسىدە تەرەققىي قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىلىم - پەننىڭ ئاللاھغا باشلايدىغان يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا قايتىدىن ئىمانغا كېلىپ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغان ۋە ئاتېئىزمچىلارنىڭ بۇ پۇچەك پەلسەپىسىنى ئاللىبۇرۇن چۆرۈپ تاشلىغان مۇشۇ ئەسىردە، ئاتېئىزم پەلسەپىسى ۋە ئېقىمى ئىلىم - پەندىن نېسىۋە ئالالمىغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ بەزىسىدە خەلقنى ھەقىقەتلەردىن قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۈچۈنلا قوللىنىلماقتا."
دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان كەرىمىدە «ئاتېئىزم» سۆزىنىڭ ھازىرقى مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى قەدىمدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلىدىغان جەمئىيەت ياكى ئاتېئىزم پەلسەپە ئېقىمى يوق ئىدى. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە كەلگەن «ئەل ئىلھاد» (ئاتېئىزم) سۆزى ھازىرقى مەنىدىكى ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مەنىسىدە كەلگەن ئەمەس. چۈنكى شۇ ۋاقىتتىكى كۇففار ئەرەبلەر ۋە كۆپ ئىلاھلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايتتى ۋە ئۆزلىرى چوقۇنغان نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى ۋاسىتىلەر ياكى كىچىك ئىلاھلار دەپ ئاتايتتى. ئاللاھ تائالا بۇنى بىلدۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: 'ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى؟' دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: 'ئاللاھ' دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللانىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!" دېگەن.
ھازىرقى مەنىدىكى ئاتېئىزم ئېقىمى ياۋروپادا چېركاۋلارنىڭ ھاكىمىيىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرى مەيدانغا چىققان بولۇپ، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رەسمىي راۋاج تاپقان ئىدى. بۇ ۋاقىتلار كارل ماركس بىلەن چارلز دارۋىنلار ياشىغان ۋاقىتلار ئىدى. ئاتېئىزم پىكرى تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ كېيىنچە گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ شۇبىنھاۋىر (1788-1860) تەرىپىدىن رەسمىي پەلسەپە تۈسىنى ئالغان ۋە «دىن - ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان نەرسە. ئىنسانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مەجھۇل بولغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى شەرھلەش ئۈچۈن دىننى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىش ئىدى» دېگەن نەزەرىيە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. كارل ماركس «دىن - ئەپيۈن» دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئاتېئىزم پەلسەپىسىگە چاقىرىدىغانلار ھەر خىل سەپسەتىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خەلقنى دىندىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا تىرىشقان.»
0:00 / 0:00