خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر كادىرلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتمەكتە
2006.07.13

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى پارتىيىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش سىياسىي تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا، بولۇپمۇ بۇ خىل سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ سالمىقى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە كۈچلۈك بولماقتا.
چارە كۆرۈپ سىگنال بېرىش
پەيشەنبە كۈنى قەشقەر پارتكومى قەشقەر گېزىتىدە "پارتىيە نىزامىنى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى قەتئىي كۈچەيتەيلى " دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. گەرچە ماقالە پارتىيە ئىچىدە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى تەكىتلەش بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، ماقالىنىڭ ئاساسىي سالمىقى يەنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى پارتىيە كادىرلىرى ھەمدە ئەزالىرىغا سىياسىي ھوشيارلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش" دېگەنلەر ئاساسىي تېما قىلىنغان.
بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىتىزامىدا ئەڭ مۇھىم دىققەت قىلىدىغان نۇقتا دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدا "كوممۇنىستىك پارتىيىمىز خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى توسىمايدۇ. لېكىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركىسىزم - لېنىنىزم ئىدىيىسى بويىچە ھەرقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدۇ. دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. پارتىيىگە كىرگەنلىك ئەسلىدە ئۆزلىكىدىن دىنىي ئېتىقادىدىن مەڭگۈلۈك كېچىش بولۇشى كېرەك. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە بۇ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر" دېيىلگەن ھەمدە قەشقەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ "قەشقەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا نۇرغۇنلىغان پارتىيە كادىرلىرى ئىنتىزام قارىشى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش كۈرىشىدە داۋالغۇپ، مەسىلىلەر كۆرۈلدى. 1997 - يىلىدىن بۇيان پارتىيە ئىچىدە ئېغىر سىياسىي دېلودىن 481 نى پاش قىلىنىپ 534 نەپەر پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىچىدە چارە كۆرۈلدى، بۇ ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىگە يەنىمۇ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا بىر سىگنال بېرىلدى " دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كومپارتىيە كادىر ھەمدە ئەزالىرىنىڭ يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ " نۆۋەتتە ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دۈشمەن ئەللەر ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلماقتا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا، قەشقەر بولسا بۇ خىل كۈچلەرگە، ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت قەشقەردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتايىن كەسكىن سىناق. شۇڭا ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا قەتئىي رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت " دېگەن تەلەپلەر قويۇلغان.
خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئىرادىسىنى بوشىتىش
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە ئەزالىرىغا بۇ خىل سىياسىي تەربىيە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشى چەتئەللەردىكى دېموكراتىك پائالىيەتچىلەر ھەمدە زىيالىلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاۋاتقان بىر قىسىم ئەللەرنى دۈشمەن دەپ تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق تەلەپ قويۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىستېمىلىق زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئۈمىد باغلىغان ئۇيغۇر كادىرلارنى نىيىتى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن يول بويىچە مېڭىشقا باشلىماقچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتېئىزم تەربىيىسىنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردىن ۋە ئېتىقادتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقاتقانلىقىدىن ئەمەس بەلكى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتتە ئۆزىنى قوغداش ۋە ياشاش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىشى كېرەك
سىدىق ھاجى ئەپەندى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرى ھەمدە كادىرلىرىنىڭ قانداق بىر سىناققا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تىلغا ئېلىۋاتقان تېررورچىلىققا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئېيتقاندەك مىللىي بۆلگۈنچى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقى، كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈچنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەشقەر پارتكومىنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يەنە" ئەگەردە پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە پارتىيىگە بولغان ئېتىقادى سۇسلىشىش، پارتىيىدىن چېكىنىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلماي دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئۇلارغا قارىتا تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەربىيىگە، ئىنتىزامغا بوي سۇنماي، دىنىي ئېتىقادقا بېرىلگەن، بۆلگۈنچىلەرنى ئاساس قىلغان ئۈچ خىل كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، يۇشۇرغانلار، ئۇلارنى قوللىغانلار بايقالسا، قاتتىق تازىلاش كېرەك" دېگەندەك تەھدىتى جۈملىلەرمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇ، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كادىرلار ھەمدە پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە دەپ كۆرسەتمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە كەڭچىلىك قىلىشنى تەشەببۈس قىلدى
- خىتاي دىنىي ئۆلىمالارغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر ئىلىدە ئىماملارغا لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىش ئۆلچىمى قويۇلدى
- خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت
- ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- ئەركىن ئالپتېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجەتنامە يوللىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ب ب س مۇخبىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە دىنى ئېتىقات قاتتىق كونترول قىلىنماقتا