ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە 6-قېتىملىق «شىنجاڭنى سۆيۈش، پارتىيىنىڭ ياخشى بالىسى بولۇش» پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى . ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ئاتا-ئانىلاردىن ئىگىلىشىمىزچە ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كوممۇنىست پارتىيىنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئاتېئىزم تەربىيىسىمۇ كۈچەيتىلگەن.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قانچە ئاتا-ئانا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىم-كېچەكلىرىگە قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپكە دىنىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئېلىپ كەلمەسلىك، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆگىتىدىغان تور بەتلىرىگە كىرمەسلىك، دىنىي ئەقىدىلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماسلىق، قىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بېشىغا رومال ئارتماسلىق، تىزىدىن ئاشىدىغان كۆڭلەك ۋە يوپكىلارنى كىيمەسلىك، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوينىغا تۇمار، كۆزمۇنچاق قاتارلىقلارنى ئېسىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان. مەكتەپ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشى يۈرۈش تۇرۇشىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىغا نومۇر قويۇلغان.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەكتەپتىكى سىنىپ تەربىيىچىلىرىنىڭ بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشىدا پەرق بولغان. كۆپچىلىك سىنىپ تەربىيىچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ئىچىدە بۇ خىل قائىدە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى چاغلاردا ئەلۋەتتە ئۆزى خالىغان كىيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما يەنە بەزى سىنىپ تەربىيىچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتېئىزم تەربىيىسى بېرىش ۋەزىپىسىنى مەكتەپ بەلگىلىگەن تۈزۈمدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
مەلۇم بىر مەكتەپتىكى مەلۇم بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان، ئەمما ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان سىنىپ تەربىيىچىسى ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي ئەقىدىلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سىنىپ تەربىيىچىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن. دەسلەپ بىرنەچچە قېتىم ئوقۇغۇچىلارنى بوينىغا تۇمار، كۆزمۇنچاق قاتارلىقلارنى ئاسماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. كېيىنكى قېتىمدا بولسا زورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوينىدىكى تۇمار، كۆزمۇنچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سىنىپ تەربىيىچىسى يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كېلىشىنى ھەم ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ تەكشۈرۈشنامە يېزىشىنى بۇيرۇغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلار مەكتەپتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتېئىزم تەربىيىسىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەشتى. ئۇلار بايانىدا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل ئاتېئىزم تەربىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئاتېئىزم تەربىيىسى مەكتەپلەردە مۇشۇنداق بىر تەرەپلىمە ھالەتتە داۋاملىشىۋەرسە بۇ خىل تەربىيىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
ئەلۋەتتە، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى بۇرۇندىنلا ئىزچىل چەكلىنىپ كەلمەكتە. ھەتتا مەسچىتلەرنىڭمۇ 18 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
تۈركىيىدىكى ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئاتاۋۇللا شەھيارى ئەپەندى خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆگىنىشنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتېئىزملىق تەربىيىنى كۈچەيتىش ئوخشاشلا مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان بولۇپ، دىنىي ئەقىدە بىلەن مىللەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىچىكىدىن ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىللىي ئەخلاق–پەزىلەت قارىشى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
بۇ ھەقتە ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئاتاۋۇللا شەھيارى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئاتېئىزم تەشەببۇس قىلىدىغان كوممۇنىستىك ئەخلاق تەربىيىسى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئاتېئىزم تەربىيىسى ھەر خىل ناملاردا ئوقۇغۇچىلار ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت بالىلىرىغا نىسبەتەن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇلاردىكى مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىنىمۇ سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.