ئۇيغۇرلارمۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچلۈك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلق

بۇنىڭدىن قىرىق تۆت يىل ئىلگىرىخىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي 1964 - يىلىدىن باشلاپ 1996 - يىلىيادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغىنىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر سىناق مەيدانىدا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سىناقلىرى بولۇپ 46 قېتىم ئاتوم بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

مانا شۇ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر دىيارى ھەم خەلقىگە ھېلىھەم تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبىسى رادىئاتسىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى، ياپونىيىدە خىروشىمانىڭ ئاتوم بومبا زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىنغا ئەنگلىيىدىن كېلىپ قاتناشقان تەتقىقاتچى، دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندى،ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بەردى.

بۇنىڭدىن 63 يىل ئىلگىرى، 1945 يىلى ‏ - 6 ئاۋغۇست سەھەر دە ئېتىلغان ئاتوم بومبىسى،سېكۇنت ئىچىدە ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرى ھەم شەھەر خەلقىگە غايەت زور بالايى ئاپەت ياغدۇردى. ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان بۇ ئاتوم بومبا خىروشىمادا 300 مىڭ بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىك قىلغان بولۇپ. 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە يەنە 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىشى ۋە ئۆمۈرۋايەت مېيىپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان . پارتلاشتىن شەھەر تۈپتۈز بولۇپ كەتكەن بولۇپ ساق قالغان ئىمارەتلەر %4.5 كىمۇ يەتمىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇ قېتىملىق ئاتوم بومبىسىنىڭ رادىئاتسىيىسى ياپون مىللىتىنىڭ ھازىرقى نەسىللىرىگىچە بەلگىلىك تەسىرلەر يەتكۈزۈۋاتقان بولۇپ . ياپونلار ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇ بالا ‏ - قازانى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانىيەتكە كەلگەن بۇ بالايى ئاپەتنى ئۇنتۇمايدۇ . ھەر يىلى بۇ كۈندە چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن تۈرلۈك شەكىللەردە ماتەم تۇتىدۇ .

خىروشىمانىڭ ئاتومنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق خاتىرىلەش يىغىنىغا ئەنگلىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى شۇنداقلا ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەم خەلقىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاپەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىم ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇيغۇرلار زېمىنىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بالايى ‏ - ئاپەتلىرىنى، دەلىللەر بىلەن كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ دوكلاتى ياپونىيىنىڭ بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلگەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن، ياپونىيىدە خىروشىمانىڭ ئاتوم بومبا پاجىئەسىنىڭ 63 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنۋەر ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايىنغولىن رايونىدىكىمالەن خىتاينىڭ ئاتوم تەتقىقات مەركىزى ئاتوم قويۇپ بېرىش پونكىتى ۋە ئاتوم قوماندانلىق شىتابى جايلاشقان مەيدانى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى ھەمدە لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىكى لوپنۇر چۆلى رايونى بولسا ئاتوم سىناق مەيدانى. 1964 - يىلى 16 ‏ - ئۆكتەبىر، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە "بوم" قىلغان ئاۋاز بىلەن مانا بۇ زېمىندا خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقى ھئېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئېلىنماستىن تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقى، شۇ ۋاقىتتىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تا 90 يىللارنىڭ ئوتتۇرىغىچە ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى توختاتمىغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن 1996 - يىلى 7 - ئايدا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە شۇ يىلى 9 - ئايدا "ب د ت ئاتوم سىناق قىلىشنى توختىتىش كېلىشىمنامىسى" گە ئىمزا قويغان .

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 40 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رادىئاكتىپ تەسىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىت بۇلغىنىش ئالامەتلىرى، ئادەملەردىن تا ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرگىچە غەيرى ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر، يامان كېسەللىكلەر كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو رادىئاكسىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىگە بەلكىم 100 يىللاپ ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.