ياپونىيىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى فۇكۇشىما شەھەرچىسىدە قاتتىق يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەندە، بۇ شەھەرچىدىكى يادرو رېئاكتورىمۇ زەخىملىنىپ، ئاتوم رادىئاتسىيە ھادىسىسى كۆرۈلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە توكيو شەھىرىدە بايقالغان رادىئاتسىيە دەرىجىسى نورمال ھالەتتىن 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى سەندىئاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇرراي جېننېكسنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىدىكى ھازىرقى يادرو كرىزىسى 1986-يىلى ئوكرائىنادا يۈز بەرگەن چېرنوبيل كرىزىسىدىنمۇ ئېغىر ئىكەن.
خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوشنا دۆلەتلەردىن جەنۇبىي كورىيە، خىتاي ۋە رۇسىيىلەر ھازىر، ياپونىيىدىكى يادرو رېئاكتورىدىن سارقىغان رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش لازىملىقىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى تور بەتلىرىدىمۇ ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى ھەم خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. خىتاينىڭ «شىننا»، «سۇخو» قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى بەزى مۇنازىرىلەردە، خىتاي خەلقىنىڭ ياپونىيىدىن تارقىلىدىغان ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. بۇ مۇنازىرىلەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن.
«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىدە 15-مارت ئىلگىرى خىتاينىڭ 519-ئەترىتى دەپ ئاتالغان ھەربىيلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئەترىتىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى بېسىلدى.
بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، «ئاتوم ئېنېرگىيە ئەترىتى» دەپ ئاتالغان بۇ ئەترەت 1955-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇ ئەترەتنىڭ نامى 182-ئەترەت دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەترەت ئەينى يىللىرى خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئېھتىياجى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئەترەت ئەينى يىللىرى خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىكەن.
ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 519-ئەترەت تەركىبىدىكى 24 كىچىك ئەترەتنىڭ ھەر بىرىدە تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا ئىشچى بولۇپ، بۇ كىچىك ئەترەتلەر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى تارىم ئويمانلىقى ھەم جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 80 يىللاردىن باشلاپ بۇ ئەترەت تەركىبىدىكى ئىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئەينى يىللىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئىشچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز يۇرتلىرىغا كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەترەت تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم خىتاي ئىشچىلار يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا قالغان بولۇپ، ئۇلار كېيىن رايوندىكى قاتناش ترانسپورت 1-شىركىتى، قاتناش ترانسپورت 2-شىركىتى دېگەندەك شىركەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەينى يىللىرى 519-ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئەترىتىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار، ئەينى يىللىرى 20 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان رۇدىلارنى قېزىشقا قاتناشقان.
شۇنداقلا ئەينى يىللىرى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىدا ئۇلار نەق مەيداندا بولغان ئىكەن. 519-ئەترەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلار باشقا شىركەتلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى كېيىنكى يىللاردا ھەر خىل راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغان ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە مېيىپ تۇغۇلغانلارمۇ زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، نۇرغۇن ئىشچىلار ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە راك كېسەللىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر ئەنگلىيىدە ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان خەلق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، رايوندا ھەر خىل راك كېسەللىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپ بۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ قېتىم، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتوم سىنىقى ھەم رايوندا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ قالدۇق تەسىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن خەلقئارادا قايتىدىن قىزىق مۇنازىرە تېمىلىرىدىن بولۇپ قېلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.