پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارىختا تۇنجى قېتىم مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە مەسچىد سالغان بولسا، ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مەسچىد سالغان خەلىقتۇر.
ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى قېتىم سېلىنغان مەسچىد ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى مەسچىتنىڭ سېلىنىشى بۇ جايغا ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئاساسەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. قەشقەر جامىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىد ھېسابلانسىمۇ، ئەڭ بالدۇر سېلىنغان تۇنجى مەسچىد ھېسابلانمايدۇ. 13 - ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى قەشقەرىيە خان جەمەتى كۇتۇبخانىسىدىن تاپقان 11 - ئەسىردە يېزىلغان " سۇخھاھ" ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك ئىككى چوڭ دۆلەت قەد كۆتەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى بۇددا ۋە مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار دۆلىتى، يەنە بىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سامانىيلار سۇلالىسى ئىدى. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ 3 - ئەۋلاد خانى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن سامانىيلار سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بېرىپ، بۇلار بىر - بىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ. 893 - سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىيلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، قاراخانىيلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسنى بېسىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار پايتەختىنى قەشقەرگە يۆتكەيدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي سامانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ، بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شاھزادە ئەبۇ ناسىر سامانىي سودىگەر قىياپىتىدە قاراخانىيلار دۆلىتىگە كىرىپ پاناھلىنىدۇ. قاراخانىيلار خانى ئوغۇلچاقمۇ ئۆزىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى سامانىيلار تەرىپىدىن كەلگەن بۇ شاھزادىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن قارشى ئالىدۇ ۋە ئاتۇشتا ئازادە ھايات كەچۈرۈشىگە كېپىللىق قىلىدۇ. ئاتۇشقا يەرلەشكەن ئەبۇ ناسىر سامانىي كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلاپ، شۇ ئارىدا ئوغۇلچاقنىڭ جىيەن ئوغلى سوتۇق بۇغرا خاننى مۇسۇلمان قىلىشتا غەلىبە قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاتۇشتا مۇسۇلمانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مەسچىد سېلىشقا ئېھتىياج تۇغۇلۇپ تۇنجى مەسچىتنى سالىدۇ."
"كالا تېرىسى پىلانى"نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى مەسچىتنىڭ سېلىنىشىدىكى قىزىقارلىق قىسسە ھەققىدە توختۇلۇپ يەنە مۇنداق دىدى:" يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان " سۇخھاھ" ناملىق ئەسەردە ئېيتىلىشىچە، قاراخانىيلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خانى ئوغۇلچاق مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمايدىكەن. ھەتتا دۆلىتىدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا يول قويمايدىكەن. ئەبۇ ناسىر سامانىي ئۇنىڭ ئەشەددىي رەقىبىنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان بىر شاھزادە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئەبۇ ناسىر سامانىيغا ناھايىتى زور ئىززەت - ئىكرام كۆرسەتكەن، ئەبۇ ناسىر سامانىيمۇ ئوغۇلچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ دىن تارقىتىشىغا يول قويغىنىدەك، ئۇنىڭ ئاتۇشتا مەسچىد سېلىشىغىمۇ يول قويغان ئىكەن. ئاتۇشتا تۇنجى مەسچىتنى سېلىشنى پىلانلىغان ئەبۇ ناسىر سامانىي ئوغۇلچاقتىن بىر كالا تېرىسى چوڭلۇقىدىكى يەرنى بېرىشىنى سورايدۇ. ئوغۇلچاق ماقۇل كېلىدۇ ۋە خالىغان يېرىدىن بىر كالا تېرىسى چوڭلۇقىدىكى يەرنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەبۇ ناسىر ئۆزىنىڭ " كالا تېرىسى پىلانى"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇ بىر كالىنى سويۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ، بىر - بىرىگە ئۇلاپ ئۇزۇن بىر تانا ياسايدۇ ۋە بۇ تانا بىلەن ئاتۇشتىكى ياخشى بىر جاينى تام سالغاندەك ئوراپ كۆرۈپ، شۇ جايغا تۇنجى مەسچىتنى سالىدۇ. ئوغۇلچاق بۇ ئىشتا ئالدانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ھەيران بولۇپ قايىل بولىدۇ. شاھزادە ئەبۇ ناسىر سامانىي " كالا تېرىسى پىلانى"نى ئىشقا ئاشۇرۇپ سالغان بۇ مەسچىد ئۇيغۇر دىيارىدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىد 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر " ئاتۇش جامەسى" دەپ ئاتىلىپ نامى تەرەپ - تەرەپلەرگە تارقالغان ئىكەن."