چېگرا ئەتراپى، ئوت ئۆچۈرۈش مۇلازىمەتلىرىدىن خېلىلا يىراقتا بولغاچقا، ئوت ئۇچۇرۇش ئەترەتلىرى كەلگۈچە بىرىنچى ئامبار پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. يەرلىك ئامبار باشقۇرغۇچىلار ۋە يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى زىيان 5-6 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئوت ئاپىتىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان.
ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامباردىكى ماللار ئاساسى جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە سۇغۇرتا قىلىنغان ماللار بولۇپ، ئوت ئاپىتىدە ئېغىر ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىغان سودىگەرلەر ھازىر سۇغۇرتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە، چۈنكى ئۇلار يىللاردىن بېرى ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتا ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئەمما ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇغۇرتا شىركەتلىرى سۆزىدە تۇرامدۇ ياكى مېلىنى يوقاتقانلار پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا سۇغۇرتا شىركەتلىرى تۆلەمدىن قېچىپ ئۇلارنى ئەخمەق قىلارمۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلماقتا.
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دېخۇي خەلقئارالىق سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ 3096 خىتاي سودىگەرنىڭ مېلى كۆيۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر خىتاي سودىگەرنىڭ زىيىنىنى 100% تۆلەپ بېرىپلا قالماي، 3 يىل ئىچىدە دېخۇي بازىرىنى قايتا قۇرۇپ بەردى. كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىدىن، زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەمگە ئېرىشىشىدە ئۈمىد يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبلىرىگىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.