خىتاينىڭ ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتۇش شەھەرلىك سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ سېستىمىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئۇقتۇرۇشتا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە 'قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت'لەرگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى، دىنسىزلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى مەھەللىلەر بۇيىچە نازارەت قىلىشنى ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆددىگە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ بىخەتەرلىكنى قوغداش ياكى ئامانلىقىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆسمۈر دەۋرىدىلا يوقىتىش سىياسىتى

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ 'بىخەتەرلىكنى قوغداش' ياكى'ئامانلىقىنى قوغداش' ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆسمۈر دەۋرىدىلا يوقىتىش سىياسىتى. بۇ سىياسەت خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ.

بۇنداق سىياسەت ئاتۇشتىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتىدۇ

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەيدىغان بۇنداق سىياسەت ئاتۇشتىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىمۇ رامىزاننى تەبرىكلەيدىغان ئۆرۈپ - ئادەتلەرنى چەكلەيدىغان، ساقال قويغانلارنى ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە، يۈزىنى يۆگىگەنلەرنى يۈزىنى ئېچىۋېتىشقا مەجبۇرلايدىغان، رامىزاندا رېستوراننى تاقىغانلارغا جەرىمانە قويىدىغان سىياسەتلەرنى قوللانماقتا. قەشقەر، كۇچا، توقسۇلاردىمۇ ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ 'مۇقىملىققا زىيان يېتىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەسلىك' دېگەن نام بىلەن روزا تۇرۇشنى ۋە ئۆرپ - ئادەت بۇيىچە مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەرەۋىنى چەكلىمەكتە.

يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'، ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان 'خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى' قاتارلىق خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان ماقالىلەر ئېلان قىلماقتا.