سۆھبەت پائالىيىتى ئاۋۋال يۈسۈپ قارىمىنىڭ شېھىتلەرگە ئاتاپ قىلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ۋە باشقا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار سۆزگە چىقىپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ كۈننىڭ ئىبرەتلىرىنى ۋە تەسىرلىرىنى ئۆز ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بىزنىڭ بۇ كۈننى نېمە ئۈچۈن خاتىرلەيدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-ئەقىل بىلەن ئويلايلى. ئولتۇرغان-قوپقان ۋاقىتلىرىمىزدا، يىغىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا بىر - بىرىمىزنى ئەسكەرتەيلى، ئەسلىتىپ تۇرايلى. ئۆزىمىزگە ئەسكەرتەيلى، جىمجىت خىيال سۈرگەن ۋاقىتلاردا. ئاللاھ ھەممىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتسۆيەرلىك، ئىمان، ئېتىقاد، شۇ ۋەتىنىمىزنى قوغدايدىغان روھ، شۇ ۋەتىنىمىزدىكى شېھىتلەرنىڭ، پىدائىيلارنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، جاسارەتلىرىنى كۆككە كۆتۈرىدىغان، داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئەنە شۇنداق خىزمەت قىلىشقا داۋاملىق تەييار تۇرىدىغانلاردىن قىلسۇن. ھەممىڭلارغا رەھمەت.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ بۇ ۋەقە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولسىمۇ، ئەمما كۈرەشنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتىشتى. بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى كۆپچىلىكنىڭ شېھىتلەرگە ۋە شۇنداقلا ۋەتەندە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
0:00 / 0:00