ئاۋىسترالىيىنىڭ سېيدنى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

ئاۋسترالىيىنىڭ سېيدنى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر لوڭقىسى» ئايلانما مۇسابىقىسى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باشلىنىپ 26 - كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاياغلاشتى.


ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىدە قاتتىق ئىسسىغان ھاۋا ھەم مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى قاتتىق يامغۇرلارمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزىمەتلەرنى تەۋرىتەلمىگەن. مۇسابىقە تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت تىلىگەن ئاۋازلىرى بىلەن ئىنتايىن كەسكىن ۋە جۇشقۇن ھالەتتە داۋاملاشقان.

مۇسابىقىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئادىلايد، سىدنېي ۋە مېلبۇرىن كوماندىلىرى ھەم شۇنداقلا ھەربىر شەھەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن، ياپونىيىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى، گېرمانىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەر بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى سۈپىتىدە ئىچىلش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزلىرى قىلدى.

مەمتىمىن ئەلا تەنھەركەتچىلەر بىلەن بىللە
مەمتىمىن ئەلا تەنھەركەتچىلەر بىلەن بىللە


پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچسىى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ يىللىق مۇسابىقە تەييارلىقلىرى ھەم شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «بۇ پەقەت بىر پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، ئاۋسترالىيىدىكى ياشلارنىڭ ھەر يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز - ئارا تونۇشۇش، ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى بىر پۇرسەت» دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىغا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن، مۇسابىقىنڭ مېھمانلىرى بولغان ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ئۆز سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىمىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى جامائەتچىلىككە ۋە ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلىرىگە مۇھىم ئورۇندا قويۇپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈش. بىز مۇشۇنداق ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە بۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كۈچىنى چىقىرىپ، پائالىيەتلەرنى دۇنيا بويىچە گۈللەندۈرۈش، جانلاندۇرۇش تەرەپتە ئىرادىسى بارلىقىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كەلدۇق. بۇ خىل ئاممىۋى پائالىيەتلەر بىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بۇنداق جانلىق ئىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق ھەمدە ئاۋسترالىيىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن بۇ يەردە گېرمانىيىدىكى ۋە ياۋروپادىكى ۋەتەنداشلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. بۇلار ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلىپتۇ. ھەممە يەردە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ. ياشلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى جۇشقۇن. مېنىڭ ھەممىدىن بەك ھاياجانلانغىنىم، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، ھەر ساھەدىكى ئىلغارلىقىنى كۆرسىتىپ، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇتبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇشۇ يەردە جەۋلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېمىنى ئورۇنلاپ جامائەت بىلە بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم ھەمدە ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە، ئادىلايد شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى بىرىنچىلىككە، مىلبۇرىن كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، سېدىنى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئادىلايد كوماندىسىدىن «مۇنەۋۋەر تېرنىر» بولۇپ باھالانغان نەسىرۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بالىلار بۇ مۇسابىقىگە كېلىشتىن بۇرۇن ناھايىتى قاتتىق، جاپالىق مەشىقلەر قىلىش جەريانىدا بەزى بالىلىرىمىز يارىدار بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە كېلىپ بىز بىلەن ئويناپ ناھايىتى ياخشى تىرىشچانلىقلار بىلەن بۇ لوڭقىغا ئېرىشتۇق. بىزنىڭ بالىلار بەك خۇشال، ھازىر بۇ يەردە.ئاۋسترالىيىدىكى پۈتۈن ياش بالىلار بىرلىشىپ ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چىن دىلىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭكى كۈچىمىزنى چىقىرىشقا تىرىشىمىز. سېيدنىدىكى پۈتۈن جامائەتكە رەھمەت ئېيتقۇم بار. ھەممەيلەننىڭ مۇشۇنداق ئىتتىپاق بولۇپ، مۇسابىقىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ئادىلايدىن كىلىپ لوڭقا ئالغىنىمىزغىمۇ شۇنداق خۇش. ھەممىمىزنىڭ مۇشۇنداق خۇشال - خۇرام، ئىتتىپاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاۋسترالىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇتبول ئويناشقا قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي ئاشماقتا. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا مەشىق ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر دېگەن نامىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرماقتا.

مۇسابىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان بەختىيار ئەپەندى مۇسابىقە ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مۇسابىقە سېدنىدا ئۆتكۈزۈلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقە سېيدىنى، مىلبۇرىن ۋە ئادىلايد كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە چۈشۈشى بىلەن بۈگۈن ئاخىرلاشتى. بۇ مۇسابىقىدە مۇنەۋۋەر شەخسلەر، مۇنەۋۋەر تىرنىرلار ھەم تەقدىرلەندى. سېيدنىدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇسابىقىنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغان. سېيدىنىدىكى جامائەت ناھايىتى ياخشى قوللاپ، شارائىتلارنى يارىتىپ، ھەممە جامائەت ئاساسى جەھەتتىن قاتنىشىپ، مانا بۈگۈن بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىلىك، ياخشى بولۇشىغا زور كۈچلەرنى چىقاردى. بۇ مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە بولغىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە ياپونىيىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىلەر ئالاھىدە كېلىپ، مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسابىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ ھەم ناھايىتى ياخشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقە مىلبۇرىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 3 شەھەردىكى ماھىرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆز خەلقىنى، چوڭلارنى ۋە كىچىكلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.