ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر قارارى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى

30 - ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان 1370 - نومۇرلۇق قارار، 23 - ئىيۇل ئاۋام پالاتا ئەزاسى خوۋارد بېرمان تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 30 ‏ - ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان ھەمدە 1 - گە قارشى 419 ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر قارار تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتتە، قارارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى سەۋەبلەر ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرى تولۇق بايان قىلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

- - خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى نىشانى.

- - ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەرشارىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇشۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى نىشانى.

- - خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

- - 2008 - يىلى 8 - ئاۋغۇستتىن 24 - ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

- - ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي نىشانىنى بېيجىڭ ئولىمپىكى كونتېكىستىدە داۋاملاشتۇرىدۇ.

"خىتاي بۇ ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىدى"

قاراردا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق ئولىمپىككە ساھىبخان بولۇش شەرتى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، تەشكىلات قۇرۇش ئەركىنلىكى، ئاخبارات، ۋە سۆز پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ،خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قارارنىڭ تولۇقلىما مەزمۇنلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك سىياسىتى ھەققىدىكى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا كەلگەن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش، ھەمدە خىتايغا كەلمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ سىياسىي پىكرى، دىنىي ئېتىقادى، يازمىلىرى ۋە ئۇلار تەۋە بولغان تەشكىلات سەۋەبلىك خىتايغا كىرىش ۋىزىسىنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، خىتاينىڭ يەنە ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان چەكلەش ۋە تەقىبلەش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتايدا ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەمسىتىلىشى ھەمدە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دەپسەندىچىلىكلەر بىرمۇ ‏ - بىر مىسال بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

ھەمدە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان ئون نەچچە ماددىلىق قارا لايىھىسى تونۇشتۇرۇلغان.

"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك"

قارارنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز پۇقرالىرىغا قارىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىننىڭ، ئولىمپىك ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىنغان ئاتموسفېرادا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ."

" خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي، دىنىي ھوقۇقىنى، ۋە سوز پىكىر ئەركىنلىكىنى تىنچ يوسۇندا نامايان قىلغانلىق ئۇچۇن تۈرمىگە تاشلانغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرىدۇ."

"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئولىمپىك يىغىننىڭ ئالدى - كەينىدە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ دەپ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا، ۋە بۇ ۋەدىلەرنى ئىزچىل ساقلاشقا ھەمدە قولغا ئېلىنغان چەتئەللىك ۋە خىتاي مۇخبىرلارنى دەرھال قويۇۋېتىشكە، ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە بۇ ھەقتە جامائەت ئالدىدا كاپالەت بېرىشكە چاقىرىدۇ."

ساياھەتچىلەرگە تىبەت، ئۇيغۇر رايونلىرىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك

قاراردا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا زىيارەتچىلەرنىڭ دىنىي، سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارغا ۋىزا بېرىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خىتايغا كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، مەزكۇر ئەركىنلىكنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر، ئولىمپىك ئۇچۇن خىتايغا كەلگەن مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئەركىنلىكىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ باشقا چېگرا رايونلىرىنى چەكلىمىسىز ھەمدە ئالاھىدە زىيارەت قىلىش رۇخسەتنامىسى ئالماستىن زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوز پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئۇچۇر چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوز پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئۇچۇر چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى، خىتاي پۇقرالىرى ۋە چەتئەللىكلەر خىتايدا، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىن تارقىتىلىدىغان ئىلگىرى تاقالغان، توسۇلغان، ياكى چەكلەنگەن گېزىت - ژۇرنال، باشقا نەشر بۇيۇملىرى ۋە تور بەتلىرىنىڭ تولۇق ئېچىۋېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.

قارارنىڭ داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، نامايىشچىلار، ئەرزدارلار، دىنىي پائالىيەتچىلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەر، مەجرۇھلار، ئۆي - ماكانسىز سەرگەردانلار ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئەركىن ئازادە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، خىزمەت قىلىش، ۋە ئولىمپىك جەريانىدا تىنچ يوسۇندا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىشقا، خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردە ۋە باشقا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ خەتەرلىك خىزمەت مۇھىتىدا ئىشلەش ۋە ئېزىلىشكە ئۇچراشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىلغان.

"ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىبەت ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى كېرەك"

قاراردا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە بىر ماددا بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تىبەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدىكى مەسىلىلەردە، تىبەت خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقلىق شىكايىتىنى ھەل قىلىشتا ئۆز - ئارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاسىتە ھالدا ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمىغان ئاساستا سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك."

قارارنىڭ ئاخىرىدا، "ئامېرىكا پرېزىدېنتى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش ئۇچۇن خىتايغا بېرىشتىن ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز مەيدانىنى قاتتىق ھەم ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىشى، بېيجىڭدىمۇ ئوخشاش مەيدانىنى ئىپادىلەش شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلە ئۇچرىشىشى، خىتايدا ئولىمپىككە قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە تىبەت ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.