ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكىلەر ش. تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ' تېررور ' تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

2001 ‏ - يىلى 11 ‏ - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا ش.ت. ئى ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 ‏ - يىلى چىقارغان بۇ قارارى ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالارنىڭ سۇئال - سوراقلىرىغا دۇچ كەلدى.

0:00 / 0:00

ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى بىر تارماق كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنى نىگىزلىك بۇ مەسىلىسىگە بېغىشلانغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002 ‏ - يىلى 9 ‏ - ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مەمۇرى بۇيرۇقىغا ئاساسەن تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن بۇ تەشكىلات ھىچقاچان ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان رەسمىي "چەتئەللىك تېررورچى تەشكىلاتلار" قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان ئىدى.

ئامېرىكا ش.تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىپ ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۇش ھەققىدىكى سادالار كۈچىيىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەمىنكلىگەن ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئىشلەتكەنلىكى تەنقىدلەندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە نازارەت كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنى، دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن بېرى چاقىرغان ئۇيغۇرلارغا دائىر مەخسۇس بۇ تېمىدىكى يىغىنلارنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا خىتاينىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، 4 ئۇيغۇرنى غەربىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان، قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇر پات يېقىندا 3 - بىر دۆلەتكە ياكى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا كومىتېت رەئىسى، دىموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېلېيخۇنت ئەپەندى، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ش.ت.ئى ھەرىكىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشتىكى ئاساسلىرىنى ئانالىز قىلىپ، خىتاينىڭ ش.ت.ئى ھەرىكىتىنى 200 ۋەقە، 162 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە جاۋابكار، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا بۇ ئۇچۇرنى ش.ت.ئى. ھەرىكىتىنى ئەيىشبلەشتىكى پاكىت ئورنىدا قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دېلېيخۇنت مۇنداق دەيدۇ":بۇ ۋەقەدە مېنىڭ ئەڭ دىققىتىمنى قوزغىغىنى ، بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش مەۋھۇم بىر تەشكىلاتنىڭ خاراكتېرىنى، خىتاي كوممۇنىستىك ئاخبارات ئورگانى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بېكىتتۇقمۇ ‏ - يوق دېگەن مەسىلە. بۇنىڭغا بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىستراتېگىيىلىك غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تەشۋىقاتى، دەپ قارايدىغانلار بار. ماڭا نىسبەتەن بۇ بىز خۇددى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قىممەتلىك ئاخبارات ئېلىپ، كېيىن ئۇنى ئۆزىمىز گۇمانلىق پاكىتقا ئايلاندۇرۇۋالغاندەك تۇيۇلىدۇ."

يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھرابېيكىر ئەپەندى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ش.ت.ئى.ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، "ئۇلار قىلغان بۇ ئىش خىتاينىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىكى ئەرزىمەس تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " بۇش ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتكە پىسەنت قىلماي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى سۈپىتىدە گۈەنتاناموغا قامىدى. مەن ئۇلار قىلغان بۇ ئىشنىڭ خىتاينى خوش قىلىشتىكى ئەرزىمەس تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇنىڭدىكى غەرەز ئىراق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئامېرىكا غەزىنە چېكىنى سېتىۋىلىشىغا ئۈزلۈكسىز كاپالەتلىك قىلىش ئىدى" دەپ ئەسكەرتتى.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېلېيخۇنت، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ، تېررورچى گۇرۇھلارنى بېكىتىشنىڭ ئامېرىكا مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا ش.ت.ئى. ھەرىكىتىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىك مەسىلىسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ" ئەگەر بىز بىر گۇرۇھنى تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتىشتە چەتئەل ئاخباراتىغا تايانساق، ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى ياكى باشقىلار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنداق ئۇسۇل ئېغىر سەۋەنلىك بولۇپ قېلىپ، مىللىي مەنپەئەتىمىزگە زىيان سالمامدۇ؟ بىز خاتا ئاخباراتنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىش قارارىغا كېلىشىمىزدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك" دەيدۇ.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن زاتلارنىڭ بىرى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندېلل شرايۋېر بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ كەسكىن سۇئاللىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. شرايۋېر، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ش.ت.ئى. ھەرىكىتىنى قارار تىزىملىككە ئېلىش ھەرىكىتىنى ئاقلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":مېنىڭ مەمۇرى بۇيرۇققا بىنائەن چىقىرىلغان ئەينى چاغدىكى بۇ قارارغا ئىشەنچىم بار. لېكىن بۇ كومىتېتنىڭ ياكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بۇ قارارنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ، بۇنىڭغا قارشىلىقىم يوق. بەلكى مەخپىي دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلسا ھەم بولىدۇ."

لېكىن يىغىندا ئىسپات بەرگەن جورجى توۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى شون روبېرتس، "ش.ت. ئى ھەركىتىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قارىماي مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ناھايىتى چەكلىك" ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۈت ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا گۇمان بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ تەشكىلاتنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلىشنىڭ بەدىلى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىرغا توختىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

شون روبېرتس: " ش.ت.ئى ھەرىكىتىنى تېررورچى گۇرۇھلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنىڭ بەدىلى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى زور بولدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى گۈەنتاناموغا سولانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇناھسىز دەپ ئاقلانغانلىقى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ۋاستىلىق تەسىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېيىنكى 8 يىلدا خەلقئارا تەنقىدلەرگە پىسەنت قىلماي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا دەپسەندە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىگىزلىك سۇئاللارنىڭ يەنە بىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانىغا دائىر قىزىقىشلار ئىدى. يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى روھرابېيكېر، ئۇيغۇرلار ياكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن، دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ياكى شەرىئەت داۋاسى قىلىۋاتقانلىقىنى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى داۋانى ياقلايدىغانلىقىنى سورىدى. گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سۇزان بېيكېر ماننىڭ خانىم بولسا ئۇلارنىڭ نىشانى دىنىي دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۇلارنىڭ ھېچقاچان بۇنداق بىر پىلانى بولۇپ باقمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېچبىرى بۇنداق بىر پىلاندىن رىغبەتلىنىپ باقمىغان. يېقىندا بىز ئۇلارغا ، ئامېرىكىدىكى بەس ‏ - مۇنازىرىلىرىدە ئۇلارنى مۇشۇ پىلاندىكى كىشىلەر، دەپ قارايدىغان تونۇشلارنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇلارنى بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى."

يىغىندا ئىسپات بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى درۇ گلادنېي بولسا ش. تۈركىستان ھەرىكىتىدە تۈرلۈك ئېلىمېنتلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاۋام پالاتا ئەزاسى روھرابېيكېرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، "مەن سىزگە مېنىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىقىمنىڭ 24‏ - بېتىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭدا ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئومۇمى مەنزىرە يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكتىكى گۇرۇھلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇ ئومۇمى مەنزىرە"، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە يۇتيۇبتىغا سىنئالغۇ لىنتىسى چاپلاۋاتقان بەزى گۇرۇھلارنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر كىشىلىك ياكى ئادەم سانى نامەلۇم گۇرۇھلار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورنىدىكى شېرلىي كان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دېموكراتىيىسىنى قوغلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى جامائەتچىلىكىنىڭ بىرى گېرمانىيىدە، يەنە بىرى ئامېرىكىدا يەنى ۋاشىنگتوندا ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئىمكانىيەتكە ئېرىشسە غەرب دىموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئىنتىلىدۇ"، دەپ كۆرسەتتى.