5-يانۋار چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كۆپچىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى دۆلەت خامچوتىنى 5 % قىسقارتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئەگەر مەزكۇر پىلان بويىچە 5 % قىسقارتىلسا، 9 ئايدىن كېيىن 35 مىليون دوللار تېجەپ قىلىنىدىكەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر، پرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ساقلىقنى ساقلاشقا دائىر ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا، بىراق، ئوباما ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇ پىكىرگە قارشى بولۇپ، پرېزىدېنت ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكا خەلقىگە يىللىق دوكلات بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقماقچى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئوبامانىڭ بىر قاتار قېيىن سوئاللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى John Boehner نىڭ پىكىرىچە، ئامېرىكىدا نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىشسىزلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىش ئىكەن.
173 ئاۋازغا قارشى 241 ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن 61 ياشلىق John Boehner، تۇنجى ئايال دۆلەت مەجلىسى رەئىسى نانچي پەلوسى دىن ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ۋە خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاۋاز بېرىپ بېلەت تاشلاشقا ئوخشاش كونا ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىغا خاتىمە بېرىش كېرەك".
بۇ ئارىدا، پرېزىدېنت ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتقا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا دېموكرات پارتىيىسى ۋە قانۇنچىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، بۇ مىليونلىغان ئامېرىكىلىقنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالدىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە، دېموكراتلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ئوباما دېموكراتلارنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ساقلىقنىڭ ساقلاش، ئىشسىزلارغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىش، تاشقى سىياسەتتە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كېلىشىملىرىنى ماقۇللاشقا دائىر قانۇن لايىھىلىرى تەستىقلانغان ئىدى.
بىراق، ئاۋام پالاتاسىنى قولغا ئالغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، بۇ ھەپتە رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ ساقلىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى قايتا مۇزاكىرە قىلماقچى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يېڭىلىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، بۇ ھەقتىكى قارار ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغىنى بىلەن، كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاقساراي باياناتچىسى Robert Gibbis نىڭ قارىشىچە، بالىلارنى، ئېغىر كېسەللەرنى تېببىي ئىمتىياز بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر لايىھىگە قارشى چىققان جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە قانۇنچىلار ھامان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى John Boehner بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجەتنى ئارتۇقچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا قانۇن بويىچە بۇنىڭغا چەك قويۇش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ قانچىلىك ئىقتىساد، نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پرېزىدېنت ئوبامامۇ، ئورۇنسىز خىراجەتلەرنى ئازايتىش تەرەپدارى، لېكىن ئۇ تەلىم - تەربىيە ۋە ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە سەرمايىلەرگە قول تەگكۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما نەچچە تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزنى ئازايتىش ئوبامانىڭ ئالدىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
پرېزىدېنت ئوباما يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا. بولۇپمۇ تاشقى سىياسەتتە ئافغانىستان ھەمدە يېقىن شەرق مەسىلىلىرى يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باش قاتۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرى ھېسابلىنىدۇ.