خىتاي 'ئاۋاتار' فىلىمىنى كىنوخانىلاردا قويۇشنى چەكلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىنىڭ بېشىدا دۇنيا بويىچە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم ئاۋاتارنىڭ ئادەتتىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى كۆرسىتىشنى توختاتقان.

0:00 / 0:00

فىلىمدە تەبىئىي ئېكولوگىيىنى قوغداش بىلەن يەرلىكلەرنىڭ ئۆز تۇپرىقىنى قوغداپ تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ فىلىمنى ئادەتتىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى چەكلىشى فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.