ئاۋسترالىيىدە خىتاي ئولىمپىكى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى

مۇنازىرە يىغىنى، 14 ‏ - مارت لخاسا ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلار بىلەن سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن باشلانغان. بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر، دۇنيادا بېيجىڭ ئولىمپىكى ھەققىدە بولۇنغان پىكىرلەرنىڭ يىغىنچاقلانمىسى بولغان.

0:00 / 0:00

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە ھەقلىق ياكى ئەمەسلىكىدىن كۆپ، بۇنىڭ خىتاي ۋە دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە توختالغان. ئاۋسترالىيىدىكى دېموكراتىك خىتاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چىن جىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەخلاقىي نۇقتىدىن لاياقەتسىزلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئولىمپىك ئارقىلىق، ئالدى بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىيلىقىنى دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرماقچى، ئاندىن، خىتاي خەلقى ئارىسىدا مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەنلىكىنى، قىسقىسى دۇنيادا كوممۇنىزمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تۇغۇلغان بوشلۇقنى مىللەتچىلىك بىلەن تولدۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" خۇ جىنتاۋ 1989 ‏ - يىلى تىبەتتە 180 راھىبنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان "

يىغىننىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسكارى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى بوب براۋن ئەپەندى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئولىمپىكقا قىلچە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە " بىر دۆلەتكە ئولىمپىكنى بېرىش دېمەكلىك ئۇ دۆلەتنى مۇكاپاتلاش دېگەنگە باراۋەردۇر؛ خىتاي مۇكاپاتلىنىشقا ھەقلىق ئەمەس" دەپ بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ، 1989 ‏ - يىلى تىبەتتە 180 راھىبنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ راھىبلارنىڭ پەقەت تىبەتكە ئەركىنلىك دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ قىلمىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، بۇ خىل جىنايەتكە چېتىلغانلارنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ، بۇ جىنايەتنى ئەپۇ قىلغانلارنىڭمۇ پارلامېنتتا ئورۇن ئالالماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

" ئولىمپىك خىتاينى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت "

يىغىندا، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغۇچىلاردىن سىمون بالدەرستونە ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئىجابىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئولىمپىكنىڭ خىتاينى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق سوئال قويغان: ئەگەر ئولىمپىك مەزگىلى بولمىغان بولسا، خىتاي دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىشنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىنمىدى؟ ، بۇ ھەقتە خىتايغا قارىتا خەلقئارا بىر بېسىم شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنمىدى؟"

" بېيجىڭ ئولىمپىكى خىتاي ۋەزىيىتىگە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەسىر كۆرسىتىدۇ "

بۇ قېتىمقى مۇنازىرە يىغىنىنىڭ ساھىبخانى سىدني ئەتىگەنلىك گېزىتى بولۇپ، بۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىرىدىن، ھامىش مكدونالد ئەپەندى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىگە ھازىر تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ پىكرىنى ئامېرىكىنىڭ 1904 ‏ - يىلى، ئولىمپىكنى ئۆتكۈزگەن چاغدىكى ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ چۈشەندۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مىسسورى شتاتىنىڭ ست.لوئۇئىس شەھىرىدە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈۋاتقان چېغىدا، يېڭىدىن بىر دۇنياۋىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان چېغى ئىكەنلىكىنى، ئەينى چاغدىمۇ، ئامېرىكىغا ئوخشاشلا نارازىلىقنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ بايراقدارىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان.

" بېيجىڭنىڭ ھاۋا تازىلىقى ئولىمپىككە لاياقەتلىك ئەمەس "

ئاۋستىرالىيىلىك ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن مىچائىل مىلتون سۆز قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ھاۋا تازىلىقى جەھەتتىن، ئولىمپىككە لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتىكى ھاۋا شارائىتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى خەتەرگە يولۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، دوئوگۇئە گەرالدىن خانىم مەشھۇر رادىئو - تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسىدۇر. ئۇ 2006 ‏ - يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ئەخلاقى تەۋەرۈكلىرىنى يۈكسەلدۈرگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

" خىتاي بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ "

ئاۋسترالىيىدە مەزكۇر مۇنازىرە بولۇۋاتقان كۈندە ، "ئامېرىكىلىقلار " ژۇرنىلىدىمۇ ئوخشاش تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇنازىرىگە قاتناشقان، خوڭكوڭلۇق بىر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالغان، ئۇ خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامى ئاستىدا تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەمەس، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.