"شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك! تىبەتكە ئەركىنلىك!"
مەشئەلنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بۆرلېي گرېسۇن كۆلى، دېگەن جايدا بولۇپ، بۆرلىي گرېيسون يەنە مەشئەلنىڭ قوزغالغان جايى ئىدى. ئولىمپىك مەشئىلى 16 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىش جەريانىدا ئۇرۇش خاتىرە سارىيى، ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئاخىرىدا يەنە ئۆزىنىڭ بۆرلىي گرېيسون كۆلىدىكى قوزغالغان جايىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر بەختىيار ئەپەندى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
لېكىن مەشئەلنى يەتكۈزۈش ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماي قالمىدى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى ئىشلىمەكتە ئىدى. شۇ كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى ئاز دېگەندە 2000 نەپەر ئۇيغۇر، تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان شۇئارلار توۋلاندى.
نامايىشچىلار توۋلىغان شۇئارلار" تىبەتكە ئەركىنلىك،" " شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك،" "خىتايغا نومۇس،" "جاللات خۇ جىنتاۋ،" دېگەن مەزمۇنلاردا ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيىنىڭ ئادالايد، سېدنىي شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مېلبۇرن شەھىرىدە ياشايدىغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاز دېگەندە تەخمىنەن 150 كىشىلىك ئۇيغۇر نامايىشچى

پەيشەنبە كۈنى كانبېررادا ھازىر بولدى.
نامايىش جەريانىدا ئولىمپىك مەشئىلىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئالدىنى تورىماقچى بولغان ئاۋستىرالىيىلىكلەردىن بىر قانچە كىشى، تىبەتلەردىن 4 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر نامايىش جەرياندا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ياقىلايدىغان خىتاي قوللىغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ساقچىلارنىڭ بىر ئۇيغۇر نامايىشچىنى 2 سائەت تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
" بىر جۇڭگو، تىبەت بىلەن شىنجاڭ جوڭگۇنىڭ بىر قىسىمى"
ئولىمپىكنى قوللىغۇچى خىتاي نامايىشچىلار " بىر جۇڭگو،" " تىبەت بىلەن شىنجاڭ جوڭگۇنىڭ بىر قىسىمى،" دېگەن مەزمۇندا شۇئار توۋلاشقان. ئۇيغۇر نامايىشچىلار بولسا خىتاي قوللىغۇچىلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ بىرى رادىئومىزغا يۈز بەرگەن ۋەقەنى چۈشەندۈردى.
كانبېررادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى قوللايدىغان خىتاي نامايىشچىلارنىڭ كۆپلىكى ئىدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى زاتلار ئاۋسترالىيىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللىغۇچى خىتاي تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قېتىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەرنى كامبېراغا توپلىغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 10 مىڭ خىتاينىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى، ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى سەھەردە نامايىش ئۈچۈن كامبېراغا مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن كەلگەن. ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نامايىشچىلار بىلەن خىتاي قوللىغۇچىلار ئارىسىدىكى تىركىشىشنى توپ مەستانىلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تىركىشىشىگە ئوخشاتتى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي بايرىقى كۆتەرگەن كىشىلەرنىڭ نامايىشچىلارنى قورشىۋالماقچى بولغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئىككى تەرەپنى ئايرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلى ئاۋسترالىيە ساقچى ئەمەلدارى كيۇلىن بولسا ئاۋسترالىيىدىكى خىتايلاردىن بۇنچىلىك كۆپ ئادەم قاتنىشىدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭ ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەن بىر پىلاننىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي قوللىغۇچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن بۇ ئاۋستىرالىيىلىك ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىز مىنەۋەرنىڭ نامايىشچىلار قوشۇنىغا قېتىلىشىنى توسىيالمىدى. ئۇ مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ،" بۇ يەرگە شەرقىي تۈركىستان، دېگەن بىر جاينىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرىپىدە تۇرۇش يەنى قىسقىسى ئۆزىمىزنىڭ تەرىپىدە تۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم.
" خىتايلار بۇ يەردە بىزگە چېقىلالمايدۇ"
مىنەۋەر قىز مۇخبىرىمىزنىڭ "ئەتراپىڭىزدا ناھايىتى نۇرغۇن خىتاي قوللىغۇچىلار بار، سىز قورقىۋاتامسىز،" دېگەن سۇئاللىرىغا ئۆزىنىڭ قورقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلار بۇ يەردە بىزگە چېقىلالمايدۇ،" دەپ جاۋاب بەردى. ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغداپ ماڭغان كۆك كىيىملىك خىتاي مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ رولى توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىشقان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ مەشئەلنى قوغداش سالاھىيىتى يوقلۇقى، ئەگەر ئۇلار نامايىشچىلارغا قول تەككۈزسە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىم كۆك كىيىملىكلەرنىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولمىدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا ئاۋستىرالىيىلىك ساقچىلار كۆك كىيىملىك خىتاي قوغدىغۇچىلارنى مەشئەلگە يېقىن كەلتۈرمىگەن. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئورگانلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئابدۇغوپۇر ھاجى ئەپەندى نامايىش قىلىش مەقسىدىنى شەرھىلىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىپ بولمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ياپونىيىنىڭ ناگانو شەھىرىدۇر. ئەسلى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ مۇراسىمى مەزكۇر شەھەردىكى زېنكوجى ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. لېكىن زېنكوجى ئىبادەتخانىسى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ مەزكۇر ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
كانبېررادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەسلى ئۇيغۇر نامايىشچىلار مەشئەلنى ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلى بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئاۋستىرالىيىلىك ساقچىلار ۋە ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتى مەشئەلنى يەتكۈزۈش جەريانىدا كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىگە شۈكرى قىلىشقان.