ئەمما بۇ سۈركىلىشلەردىنمۇ بەكرەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىگە قىلغان بۇ قىتىمقى زىيارىتى ئاۋسترالىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ تۇۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قىلىشىغا ئاساسى سەۋەب بولدى.
8 - ئاينىڭ 20 - كۇنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتىكى تالاش - تارتىشلار يەنىلا داۋاملاشتى. خىتايچىنى ياخشى سۇزلەيدىغان كېۋىن رادد باش مىنىستىرلىققا سايلانغان ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىدىكى دۇلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ھامان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلدى، دائىم شۇنداق بولدى ۋە يەنە ئۇزۇن ۋاقىت شۇنداق بولىدۇ. خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىگە زور ئېھتىياجى بار، خىتاي بولۇپمۇ ئاۋسترالىيىنىڭ كان بايلىقلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تەمىنلەپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق."
رابىيە خانىم دۇلەتلىك ئاخبارات كۇلوبىدا مۇخبىرنىڭ، خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا: "خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىگە بولغان ئېھتىياجى، ئاۋسترالىيىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، خىتاينىڭ زور كۇلەمدە، توختاۋسىز تەرەقىياتىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىغا،خام ئەشياسىغا زور ئىھتىياجى بار،" دېگەن ئىدى.
سىدنېي ئەتتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېجىڭدا ئاۋسترالىيە خىتاينى كىيىنكى 20 يىل ئىچىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سودا كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان.
بۇ گىزىتتە يەنە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خى يافېينىڭ ئاۋسترالىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن پاش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ كېلەر ئايدىكى زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئۆزگەرتتى دەپ يازغان.
ئاۋسترالىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتىۋېن سىمىس بۇگۇن پارلامىنتتا سۆزلىگەن سۆزىدە : "بىز رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەردۇق، بىز قىممەت قارىشى ۋە ئىنسان قەدىرىيىتىدە بۇرۇندىن چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق. بىز سۇز ئەركىنلىكىنى ھۇرمەتلەيمىز، ئىتىراپ قىلىمىز. بىز باشقىلارنىڭ دۇلىتىمىزگە كىلىپ ئويلىغانلىرىنى سۇزلىشىگە بارلىق شارائىتلارنى يارىتىمىز، ھەتتا ئۇلار بىلەن كۆز قارىشىمىز ئوخشىمىسىمۇ شۇنداق قىلىمىز،" دېگەن.
چارشەنبە كۇنى ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېوف رەبي بېجىڭدىكى ھەر خىل دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى قالدۇرۇپ، كانبىرراغا قايتىپ كەلگەن. خەۋەرلەردە، "ئۇ ئىككى دۇلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن جىددىي يىغىن ئۈچۈن كەلدى،" دەپ قىياس قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.