بۇ يىغىندا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى `خەلقئارا مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشى' تېمىسىدا سۆز قىلغان.
بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "يىغىندا دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئەتراپلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارادىكى تارىخى، سىياسى، ئىجتىمائىي، مەدەنىي جەھەتتىكى مەسىلىلەردىن ئىبارەت. بۇ يىغىندا دۇنيادا مۇساپىرلارنىڭ كۈچى، دۇنيادىكى قوزغىلاڭلار، دۆلەتلەرنىڭ بۇلارنى باستۇرۇشى، بېسىم، خانىم قىزلارنىڭ مەسىلىلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى."
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرسىگە ئايلانغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەندىن باشقا مەخسۇس سۆز قىلغان كىشى يوق ئىدى. ئەمما يىغىندا باشقا تېمىلارمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىدى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پايدىلىق بىر يىغىن بولدى."
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "يىغىندا `خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە يۈكسىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى` تېمىسىدا سۆز قىلدىم. بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىيىنىڭ خىتايلارنىڭ 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقى ، مەسىلىنىڭ 1991 - يىلى ۋە 2001 - يىلىدىن ئېتىبارەن قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى بايان قىلدىم. بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامىللار نېمە؟ خەلقئارادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى نېمە؟ مەن يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەتكە ئوخشاش مىللەتلەر دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل ۋە دىنىي جەھەتتىكى بېسىملىرى ھەققىدە توختالدىم. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتتىم."
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يىغىندا قىلغان سۆزىنىڭ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا قوزغايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ماقالام يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋالىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئاڭلىتىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلىشى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كرىزىس پەيدا قىلىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلىنىپ كېتىپتۇ. مەن يىغىن ئەھلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىغا قاراپ ھەيران قالدىم. يىغىن ئەھلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەندىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى."
سىز ماقالىڭىزدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارادا تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش قوبۇل قىلىنىشقا باشلاندى دەپسىز،ئۇيغۇر مەسىلىسى راستىنلا تىبەت مەسىلىسىدەك بولدىمۇ خەلقئارادا؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: "ئۇمۇمىي يۈزلىنىش شۇنداق. مىساللارغا قارايدىغان بولساق 1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسى مەيدانغا چىقتى. بارىن ۋەقەسى بولدى. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بىر قىسىم تۈرك مەتبۇئاتىدىن باشقا دۇنيا مەتبۇئاتلىرى يەر بەرمەيتتى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالدى. بۇ مەسىلە خەلقئارادا تېزلا تەرەققىي قىلدى. بۇنىڭغا قاراپ تىبەت مەسىلىسىدەك بولۇشقا باشلىدى دېسەك بولىدۇ. يىغىن جەريانىدا ئاۋسترالىيە دۆلەت رادىئۇسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. مەن ئاۋستراليەگە كېلىشتىن بۇرۇن بۇ مەسىلىنىڭ ئاۋسترالىيىدە بۇنداق كۈن تەرتىپتە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بۇلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم."
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "يىغىندا ئىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن شۇ ئورتاق پىكىر پەيدا بولدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. دۇنيادا قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرى بار. مەدەنىي ھەقلەر بار. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى بەرمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتسە ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق. ھەل قىلىشنىڭ يولى، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ھەق ھوقۇقلىرىنى بېرىشىدىن ئىبارەت."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.