ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار 'شىنجياڭ ئۇيۇشمىسى' نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى

11 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۇنى ئاۋىسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن "جەنوبىي ئاۋىستىرالىيە شىنجياڭ ئۇيۇشمىسى" قۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا خىتاينىڭ ئاۋىسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماۋ رۇنلوڭ ۋە 3 ‏- دەرىجىلىك كاتىبى باۋ خەيبىنلار كانبىرا شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشتى ھەمدە سۆزگە چىقىپ ئۇيۇشما رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنى ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەبرىكلىگەن.

ئادىلايد شەھىرى، غەرب دۇنياسىدا شەرقى تۈركىستانلىق كۆچمەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ شەھەردىكى مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار 90 ‏- يىللاردىن ئىتىبارەن سابىق ئاۋىسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە ھازىرقى ئاۋىسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەتەن دەۋاسىنى قىلىپ كەلمەكتە.

"شىنجياڭ ئۇيۇشمىسى" نىڭ ئادىلايد شەھىرىدە قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋىسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ھاجىم، دىنىي زات ئابدۇسالام قاراجىم ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرمۇھەممەتلەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ۋە ئاۋىسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلدۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.