سېدنىي ئۇيغۇر كوچىسىدىكى ئۇيغۇر رىستۇرانلىرى

سېدنىي شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى دېكسىن كوچىسىنى گولبۇئورن كوچىسى كېسىپ ئۇتۇپ شەرق ۋە غەربكە ئايرىغان، شەرق تەرىپىدە ئەجدەرھانىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان، پانۇسلار ئېسىلغان ۋە خىتايچە خەتلەر يېزىلغان قوۋۇق بار بولۇپ، قوۋۇقنىڭ ئىچكى تەرىپى خىتاي كوچىسى ياكى خىتاي بازىرىدۇر.

0:00 / 0:00

كوچىنىڭ غەربى تەرىپىنى ئاۋىستىرالىيىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق كۆچمەنلەر "ئۇيغۇر كوچىسى" دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا، قاتارلىشىپ ئېچىلغان "ئۇيغۇر تائاملىرى رېستورانى،" " ئەپەندى ئۇيغۇر رېستورانى،" " كېرورەن ئۇيغۇر رېستورانى" قاتارلىق رىستۇرانلار سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ كوچىدا ئۇيغۇرلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر رىستۇرانىنى زىيارەت قىلىپ بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم.

"ئۇيغۇر تائاملىرى رېستورانى" ۋە " ئەپەندى ئۇيغۇر رېستورانى" نىڭ خوجايىنى جۈرئەت ئابدۇكىرىم ئەپەندى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ رىستۇرانلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى.

-- مەن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزور ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. مەن 1997 ‏ - يىل ئاۋستىرالىيىگە كەلگەن. 1995 - يىلى قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققاندىن كېيىن ۋەتەندە ۋە خىتاينىڭ شەھەرلىرىدە داۋالانغان بولساممۇ داۋالىنىش ئۈنۈم بەرمەي، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ياردىمى ئارقىلىق ئادىلايد شەھىرىدىكى " پادىشالىق دوختۇرخانىسى" غا داۋالىنىشقا كېلىپ، تۇت يىل داۋالانغاندىن كېيىن بالىلىرىمنى ئەكىلىپ، ئاۋستىرالىيىگە يەرلەشتىم.

-- ئۇيغۇر تائاملىرى ناملىق ئاشخانىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ تۈپتىن ئۆزگەردى، ھازىر ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى تونىدى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەۋاسىنى پۇتۇن دۇنياغا تونۇتۇش يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھ - زارىنى بىلدۈرۈش، بىز ئەنە شۇ مەقسەتتە كېتىپ بارىمىز.

-- ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلدۇق. بۇ كوچىنىڭ "ئۇيغۇر كوچىسى" دەپ نام ئالغانلىقىغا پەخىرلىنىمىز، بۇ سېدنىي ۋە ئاۋسترالىيە خەلقى ئۈچۈنمۇ ئابروي دەپ ھېسابلايمەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.