گلارد خانىمنىڭ زىيارىتى يېقىندىن بېرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كەينىگە چېكىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن سەۋەبلىك، ئۇنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۇ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيا خانىم يەكشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي ئاسىيادىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 3 دۆلەتكە قىلىدىغان 9 كۈنلۈك سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتى ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىكى بېسىمى كۈچىيىۋاتقان ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نەزەربەند قىلىش، قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىشى جىددىيلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بۇ سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى.
گللارد خانىم خىتايغا يېتىپ بېرىشنىڭ ھارپىسىدا يەنى شەنبە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئادەتتىكى مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ قويماي، نېگىزلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
گىللارد خانىم شەرقىي ئاسىيادىكى يۇقىرىقى 3 دۆلەتكە زىيارەتكە چىقىش ئالدىدا ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا يېقىندىن بېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 19-چېسلا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئارقىغا چېكىنىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى»نى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىدە «كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.
لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ جىددىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىرادىسىدىن بوشاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،«باش مىنىستىر كانبېرادا ئاۋسترالىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى بېيجىڭدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سىنايدىغان ۋاقىت» دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە بىلەن ئۆز -ئارا سودىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇشقا سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش باش مىنىستىر گللارد خانىمغا باغلىقتۇر» دېگەن.
خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ 2010-يىلدىكى سودا ھەجمى 50 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇپ، خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالغان.
بەزى ئانالىزچىلار، گىللارد خانىمنىڭ زىيارىتى ئاساسلىقى خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك بېيجىڭدا سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت نازۇك بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى شىي شيەنجۇن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈزۈلمىدىكى مەسىلىلەرنى ئەمەس، بەلكى كونكرېت ۋەقە ۋە دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى ئۈندەككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئەھۋالدا بىردىن -بىر يول غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىپ، ھەر بىر كونكرېت دېلودا ئۇلارنىڭ بىر ئاز يېنىك جازا بېرىشىنى ۋە ياكى بىر ئاز ئىنسانپەرۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلىشلا بولۇپ قالدى. يەنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەكىتلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش نامىدا ئۇلارنى ئۈندەككە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلمەكتە....... جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كومپارتىيە بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمرانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بولمىسا جۇڭگونىڭ قانۇنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
جۇلىيا گىللاردنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان كونكرېت مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەۋىن رۇد خىتاي سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىننىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى غەرب ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلە ئۆلۈم جازاسى، ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قورا-جاي ۋە يەر مۈلكىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر گىللارد يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىۋېتىپ، ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئاۋسترالىيىلىك خىتاي يازغۇچى ياڭ خېڭجۇن، رىئو تېنتو شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى ستېرن خۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي تۈرمىسىدىكى بەزى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالىسا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى زور غەلىبىسى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر گىلارد كىشىلىك ھوقۇققا دائىر كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنىڭ ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، گىللاردنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقىلارغا ئۈلگە تىكلەشكە ئۈندىگەن . كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ئاز دېگەندە خىتايدا 39 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس شيې شيەنجۇن ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن يېقىنقى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى كرىزىس تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەھۋالنى پۈتۈنلەي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال يەنى كومپارتىيىنىڭ باستۇرۇشىنى كۈچەيتىشى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى كرىزىس تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ سىياسىي خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، تامامەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ ئۆزىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ئېغىرلاشقان، سىياسىي چىرىكلىك كۈچەيگەن، ئادالەتسىزلىك ئېغىرلاشقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۇلار ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو ھاكىمىيىتىگە سالىدىغان تەھدىتىنى ھېس قىلىپ يۇقىرىقى باستۇرۇشنى قوزغىدى.»