ئاۋسترالىيىلىكلەرنىڭ ئەندىشىسى

بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە 24 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئاۋسترالىيىدە قېلىپ قالغان بولسا، مانا ئەمدى خىتايلار ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ ياخشى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى، ئۆيلىرىنى ھەرخىل يوللار بىلەن سېتىۋېلىپ، ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.

0:00 / 0:00

گەرچە بۇنى ئاۋسترالىيىگە سىرتتىن سېلىنغان مەبلەغ، بۇنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك، دەپ بىلگەن بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«Today Tonight» ۋە «Yahoo» خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىچىدىكى 200 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان «Nenshen» دەپ ئاتىلىدىغان كارخانا ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى ۋەيلىس شتاتىدىكى 4000 گېكتار يەرنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئەمدى يەنە تاسمانىيە ۋە يېڭى ۋەيلىسى شتاتىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 300،000 گېكتارلىق مۇھىم ئوتلاقلاردىن بىرنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان ئىكەن. بۇنداق چوڭ مىقداردىكى يەرنى سېتىۋېلىش نۇرغۇن ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنى مەجبۇرى ئۆي-جايلىرىنى سېتىپ باشقا يەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيىدىنلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ يەر، ئۆي-جاي قاتارلىقلارنى توختىماي سېتىۋېلىشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىن يەرلەرنى سېتىۋېلىپ، ئادەملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاندىن يەر سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ شىركەت قۇرۇپ، ئۇلارنى يەرلەشتۈرۈپ دۇنياغا يېيىلىش پىلانى. ھازىرقى خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئۆتكەن بەش يىلغا قارىغاندا ھازىر ئەڭ چوققىغا يېتىپ يەنە تۆۋەنگە قاراپ كېتىپ بارغان مۇشۇنداق بىر پۇرسەتتە بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشى.»

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ يەرلىرىنى بارا-بارا ئىگىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاۋسترالىيە جەمئىيەتلىرى ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىز خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ۋە نوپۇس سىياسىتىنى ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىكىنى ئاۋسترالىيىنىڭ ھۆكۈمىتىگە چۈشەندۈرۈشتۇر. بىزنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى نەق مۇشۇ. ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ سىياسىيونلىرى خىتايلارنىڭ يامان غەرىزىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ.»

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە خىتاينىڭ يەنە ئون نەچچە يىلغا قالمايلا ئاۋسترالىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەم ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئويلىنىپ ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.