ئاۋسترالىيىدە 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىلەندى

بۈگۈن ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كامبىررا ، مىلبورىن ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىدە 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى دەپ ئاتالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى ۋە قىرغىنچىلىقتا قۇربان بولغانلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار قىلىشتى.

0:00 / 0:00

مەركىزى سېدېنىي شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى كانبىررا شەھىرىگە سېدېنىي شەھىرىدىن يىتىپ كەلگەن 60 تىن ئارتۇق نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىنى، خىتايغا دىپلوماتىك بىسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەركىزى ئادېلايد شەھىرىدىكى شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغۇپۇر مۇمىن ھاجىم، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھىكمەت خەسەنوف ۋە پەيزۇللا مېھمان ئەپەندىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە 800 كىلومېتىر يول يۈرۈپ مىلبورىن شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى، مىلبورىن شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مىلبورىن شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يىغىن زالىغا توپلىشىپ 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى، ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان نۇرمەھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن تىنچلىق يولى بىلەن نامايىشقا چىققان ياش ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشقا سىلىپ قىرغىن قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى ئۆي- ئۆيلەردىن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاندا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلدى. دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئىلىنغان سىنئالغۇ پلاستىنكىسىنى كۆرگەن يىغىن ئەھلى غەزەپتىن تۆكۈلگەن ياشلىرىنى توختىتالمىدى. جامائەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردى پۈتۈن دۈنياغا تونۇلغان، 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ نامسىز قەھرىمانى كۆك مايكىلىق قىزغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دىنىي زات ئابدۇسالام ئالىم ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ھەق يولدا قۇربان بولغانلارنىڭ، ئۆز ئەجرىلىرىنى سىڭدۈرگەنلەرنىڭ ئاللا تائالانىڭ مۇكاپاتىغا ئىرىشىدىغانلىقى، ئەكسىچە مۇناپىقلارنىڭ، خائىنلارنىڭ جامائەتنىڭ نەپرىتىگە، ئالاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى قۇرئاندىن مىساللار كەلتۈرۈپ چۈشەندۈردى. بۈگۈنكى يىغىلىش كەچ سائەت 6 دە باشلىنىپ سائەت 9 دا شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ ئوقولغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.