ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار مىلبۇرىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن 5-ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاۋسترالىيىنىڭ مىلبۇرىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشقا ئادىلايد، سىيدىنى ۋە مىلبۇرىن قاتارلىق ئۈچ شەھەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

نامايىش ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ھەم تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەردىن تاشمۇھەممەت ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار مىلبۇرىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 5-ئىيۇل، ئاۋسترالىيە.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ تەپتىشى پەيزۇللاھ مېھمان ئەپەندى نامايىش كەيپىياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئاۋسترالىيىگە كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتنىشىش تەسىراتىنى بايان قىلدى.

2 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى نامايىش ئەتىگەن سائەت 10.30دا باشلىنىپ چۈشتىن كىيىن سائەت 1:00 دە ئاخىرلاشتى.