ئاۋسترالىيىنىڭ مىلبۇرىن شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئاۋسترالىيىنىڭ مىلبۇرىن شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئادىلايددىن كەلگەن ۋە مىلبۇرىندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

بۈگۈن 1-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 63 يىلدىن بىرى ئىلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىۋاتقان زالىملىقلىرىنى ئاۋسترالىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىنىڭ مىلبۇرىن شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، مىلبۇرىن.
ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، مىلبۇرىن. (RFA/Abide)

نامايىشقا قاتناشقان جامائەت قوللىرىدا ئاي-يولتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشتا يەنە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى پولات سايىم ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغاپۇر مۆمىن ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

2 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى نامايىش ئىنتايىن جۇشقۇن ھالدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 10 سائەت 12 گىچە داۋاملاشقان.