زىياپەتكە 250 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
تائاملار تارتىلغاندىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى رامزان ئىيىنىڭ خاسىيەتلىرى، زاكات ۋە خەير-ئېھسان توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ تۈگىمەس بېسىمى ۋە زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى يىغىلىشقا قاتناشقان ۋەتەنداشلارغا بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى دىنىي زات ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىدە بولۇۋاتقان زۇبەيرە خانىممۇ بۇ زىياپەتكە قاتناشقان بولۇپ،ئۇ رابىيە خانىمنىڭ ۋە ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلارنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ يىغىلىش كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەندە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە شۇنداقلا ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.