5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە ئالىي كېڭەشكە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ۋەكىل بولۇپ بارغان گۈلمىرە زۇنۇن خانىم ۋە مۇھەممەت چالاپچى ئەپەندى كېڭەشنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇز تەسىراتلىرىنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
گۈلمىرە خانىم كېڭەش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن، ئۇز تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: مەن بۇنداق بىر يىغىنغا قاتناشقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن، بۇ يىغىن ئارقىلىق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ زور تەرەققىياتىنى كۆردۈم، مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم ئاشتى ۋە ئىشەندىم. مەن بۇ يىغىننى دەل ۋاقتىدا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك يىغىن بولدى دەپ قارايمەن. ئەگەر بىز ئەڭ ئىقتىدارلىق، ئەڭ پىداكار مىللىي پائالىيەتچىلىرىمىز توپلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدەك ئورگاننى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، ئۇنى ھېقىقى ۋە سەمىمىي قوللاپ ۋە ئەگىشىپ ، ھەر بىرىمىز ئۈزىمىز تۇرۇۋاتقان جايدا ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، ھەر جەھەتتىن پىداكارلىق كۆرسەتسەك، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم ئېيتقىنىدەك، يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىللىقىمىزغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
گۈلمىرە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پىداكارلىقى، زور ياردەملىرى ئۈچۈن ئالاھىدە يوللىغان مەكتۇپىنى ئوقۇپ بەردى.
ئالىي كېڭەشكە قاتنىشىپ كەلگەن تۈرك خەلقىدىن بولغان مۇھەممەت چالاپچى ئەپەندى كېڭەش ھەققىدە ئۇز مۇلاھىزىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر بولمىغان ئامېرىكىلىق يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۇز- ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپلا قالماي، باشقا خەلق ۋە مىللەتلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاقلىشىشنىڭ لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.
پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى كېڭەش ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ماقۇللانغان 7 ماددىلىق قارارنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.