سىدنېيدا نورۇز بايرام كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئائۇبۇرن تۈرك زالىدا نورۇز بايرىمى كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى جاناب لائۇرا فېرگۇسون خانىمى بىلەن ھەمدە بىرقىسىم تۈرك، ئەزەرى مېھمانلار قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ
2009-03-23
Share
Awstraliyide-noruz-305 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Behtiyar

بۇ كېچىلىكنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، سيدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن رابىيە قادىر خانىمغا، ئەسقەرجان ئەپەندىگە ھەمدە جاناب لاۇرىيە فېرگۇسون ۋە خانىمىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى لائۇرىيە فېرگۇسون ئەپەندىگە دوپپا تەقدىم قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بەختىيارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت