0:00 / 0:00
بۇ كېچىلىكنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، سيدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن رابىيە قادىر خانىمغا، ئەسقەرجان ئەپەندىگە ھەمدە جاناب لاۇرىيە فېرگۇسون ۋە خانىمىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى لائۇرىيە فېرگۇسون ئەپەندىگە دوپپا تەقدىم قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز بەختىيارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.