خىتاينىڭ ئاخبارات، نەشرىياتنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش ھەرىكىتى نارازىلىقنى كۈچەيتمەكتە

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 7-8-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتايدىكى ئاخبارات، نەشرىيات ساھەسىنى قامال قىلىش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقلارنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە، بېيجىڭدا 10 يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان ھەپتىلىك «ئىقتىساد كۆزىتىش گېزىتى» بىر كېچىدىلا قانۇنسىز نەشر ئەپكارى ئاتىلىپ قامالغا ئېلىندى. ئۇنىڭ گۇناھى قانۇنسىز گېزىت بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان 21-ئىيۇل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن يامغۇر ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا بۇ گېزىتنىڭ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىدە، دېيىلدى. گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەزى خىتاي زىيالىيلىرى «ئەگەر بۇ گېزىتنىڭ گۇناھى بار دېيىلسە، بۇ گېزىت بېيجىڭ ئەمەلدارلىرىنى يالغانچى قىلىپ قويدى، ئۇلارنىڭ ئىززىتىگە تېگىپ قويدى» دېگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتايدا مىڭلىغان يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەقەتلا يەرلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بارلىقى، يەنە كېلىپ ئىجابىي تەرەپلەرنىلا ئېلان قىلىشقا بولىدىغانلىقى، مەملىكەت خەۋەرلىرىنى پەقەتلا مەركەز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلىدىغانلىقى ۋە باشقا جايلارغا، چەتئەللەرگە مۇخبىر چىقىرىش ئىشلىرىنىمۇ پەقەتلا مەركىزى ئاخبارات ئورگانلىرىلا قىلالايدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئاخباراتنى قامال قىلىش بېسىمىنىڭ خىتايدا ئەسلىدىنلا مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرلەردە يالغۇز گېزىت-ژۇرناللارغا بولغان قامال كۈچىيىپلا قالماي، ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان كونتروللۇقنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى. دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك تەشۋىقات قورالىغا ئىگە دۆلەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ كۈچلۈك نازارەت قورالىغا ئىگە دۆلەت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تور ئۇرۇشى خەلق بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ بارماقتا. يەنى، ھۆكۈمەت خەلقنى نازارەت قىلغانغا ئوخشاش، خەلقمۇ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت يوشۇرغاننى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا. ۋېنجۇدىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى، بېيجىڭدىكى يامغۇر ئاپىتى بۇنىڭ مىسالى.»

خىتاي تەرەپنىڭ رەسمىي مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاقالغان تور بەتلەرنىڭ سانى 4966 گە يىتىدۇ. بۇ تور بەتلەرنىڭ 95% ئى 2009-يىلى 7-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ تاقالغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىدى. كۆپلىگەن تور بەت مەسئۇللىرى ۋە تور يازارلىرى قولغا ئېلىندى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدىكى «پارچە-پۇرات باشقۇرۇش جۇڭگو ئاخباراتىنى قامال قىلماقتا»، «ئىقتىساد كۆزىتىش گېزىتىنى تەكشۈرۈش، تاقاش بۇيرۇقىنى كىم بەردى؟» ناملىق بۇ خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە، يەرلىك گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مەزمۇنىنى ھەرقانداق بىر يەرلىك ئەمەلدار ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ، خالىغانچە چەكلىمە قويالايدۇ. خىتايدا تا ھازىرغىچە ئاخبارات قانۇنى يوق. پەقەتلا ئاخبارات ساھەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بار. بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدارلار ئۆز مەنپەئەتلىرىگە قاراپ ئىشلىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا بىر قوراللىق ۋەقە چىققان بولسا، ئۇنى مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە توختىماي تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمما يەرلىكتە بىرەر ۋەقە چىقسا، ئۇنى مەركىزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىلا يۇقىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئېلان قىلالايدۇ. يەرلىكتە ئۆز مەيلىچە ئېلان قىلغان ئاخبارات ئورگىنى دەرھال جازالىنىدۇ. مەسىلەن، 2008-يىلى سىچۈەندە يەر تەۋرەش بولغاندا ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان «تىز خەۋەر گېزىتى»، «جەنۇب ھەپتىلىك گېزىتى» قاتارلىقلار يۇقىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. ئەمما، خىتايدىكى 500 مىليونغا يېقىن تور ئابونتلىرىنى پۈتۈنلەي نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە چەكلەپ بولۇشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە قۇدرىتى يەتمەيدۇ.