0:00 / 0:00

8 - مارت كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدۇر. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئوز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بارلىق خانىم -قىزلارنى جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنى ھەمدە كېلەچىكى ھەققىدە ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر ئۈمىدۋارنىڭ رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.