رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

رابىيە قادىر خانىم، ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ئاياللار گەرچە دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئاياللار دۇنيانىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپىدىن، دۆلەتلەردىكى مۇھىم سىياسىي قارار باسقۇچلىرىدىن ئۇزاق قالدۇرۇلماقتا. ھەتتا ئاياللار ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى بولغان مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا. مانا بۇ مەسىلىلەر دۈشەنبە كۈنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسىدا چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئاساسىي كۈن تەرتىپى بولۇپ، ئاياللارنىڭ سىياسەتتىكى رولىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-ئەگەر بىز 21-ئەسىردە بىخەتەر، باياشات ۋە تىنچلىققا تولغان بىر دۇنياغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئاياللارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلگەن تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بېرىشىمىز كېرەك. ئاياللار چوقۇم كېلەچەكنىڭ بەلگىلىنىشىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ تىكلىنىشىدە، يېڭى بىر پارتىيىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە ئۆز ئورنىنى ئېلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماي تۇرۇپ، دېموكراتىيىنى ئورنىتىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

ھىللارىي كىلىنتون سۆزىدە، مىسىر ۋە لىۋىيىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە ئاياللارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەردە دېموكراتىك باسقۇچقا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئاياللارغىمۇ سىياسەتتە ئورۇن بېرىشى كېرەكلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ھىللارىي كىلىنتون يەنە، قىزلارنى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ئاياللارنىڭ مائارىپ يۈزى كۆرۈش مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن بىر ئائىلە چوقۇم قىزىنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ئۇنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى، ئۇنى ئوقۇتۇشى كېرەك، ئاندىن قالسا جەمئىيەت ۋە دۆلەت بۇنى قىلىشى كېرەك. بىز قىز بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارچە ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىشىمىز، ئائىلىلەرگە خىزمەت ئىشلىشىمىز، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. مەنچە ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى مەلۇم بىر مىللەت ياكى مەلۇم بىر مەدەنىيەتكە خاس ئەمەس، ئۇ بەلكى بىر ئۇنىۋېرسال قىممەت. ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى ھېچقانداق بىر ئىدېئولوگىيىنىڭ، ھېچقانداق بىر رادىكاللىقنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوقۇم ھەممە كىشىنىڭ، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ، ئەرلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ مۇھىم قارارلار ئېلىنىدىغان ھەربىر ئۈستەلدە يەر ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

ئەلۋەتتە، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان خانىم-قىزلارنىڭ مەسىلىسى ھەر بىر مىللەت باش قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولسا كېرەك. ئاياللارنىڭ سىياسەتتە ئاكتىپ رول ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى قانچىلىك كاپالەت ئاستىدا؟ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەر قىلىنىشى كېرەك؟

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئاياللارنىڭ ئۆز ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ، ئۇلارغا ئۆز ھوقۇقلىرىنى تونۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھەربىيلەش خىزمىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، دېدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىشقا چاقىردى.