كۇرسقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق 11 دۆلەتتىن 70 ئۇيغۇر ئايال قاتناشماقتا. 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاللىنن شەھىرى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن ئېستونىيە دۆلىتىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ن ئە د مۇئاۋىن رەئىسى لوئىسا كوئان گرېۋا خانىم، ئېستونىيە پارلامېنت ئەزاسى جۇكۇ كاللە رائىد ئەپەندى، ئاندرەس ھەركەل ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى تۇننە كەلام ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
بۇلاردىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. كېيىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە رابىيە قادىر خانىم نامىدىن ئېچىلىش نۇتقىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ڧئوندىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوئىسا كوئان گرېۋا خانىم قىلدى. ئۇ نۇتقىدا ئالدى بىلەن دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندىنىڭ 90 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېستونىيەدە ئېچىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن ئېستونىيە پارلامېنتىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دەۋاسىنى ھەر خىل ئىزاھلاۋاتقان ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ دەۋانى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەشرىپىنى مېنى قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئېستونىيە پارلامېنت ئەزاسى جۇكۇ كاللە رائىد ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئېستونيىنىڭ 1941-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى : سىلەر ئۇيغۇرلار 1944-يىلى دۆلەت قۇردۇڭلار، كېيىن رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايلار سىلەرنى بېسىۋالدى. 1980-يىللاردا بىزمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ باردۇق. بىز 1991-يىلى مۇستەقىل بولدۇق. ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنيا دۆلەتلىرى ياخشى بىلمەيدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بۇ ئاياللار كۇرسى بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم.
كېيىن ئېستونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرەس ھەركەل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇ زامان ئۆزىنىڭ ياش پارلامېنت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇشتا مىللىي كىملىكنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، مىللىي كىملىكنى قوغداپ قالغاندىلا دېموكراتىك دۆلەت قۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدىمۇ توختالدى.
كېيىن ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى تۇننە كەلام سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن 20 يىل بۇرۇن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بىر دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن 30 يىل بۇرۇن رۇسلار ئېستونىيەدىن چىقىپ كەتسۇن دەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يازغان ئىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى رۇسلارنىڭ ئېستونىيەدە كۆپىيىپ كېتىشى، ئېستونلارنىڭ ئازسانلىققا چۈشۈپ قېلىشى ئىدى.
بىر خىتاي ساياھەتچى قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر دۆلىتىگە بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار قۇرغان شەھەر يېزا باغ بوستانلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن ھەيران قالغان ئىكەن، شۇڭا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ تارىختا ياراتقان مەدەنىيىتىڭلاردىن پەخىرلىنىشىڭلار كېرەك. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرىپىدىن قانداق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداشتا ئاياللارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتىنىدە ئۆز تىلى بىلەن مائارىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇرۇن ماركىسىنىڭ «پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارىياتى بىرلىشىڭلار» دېگەن شوئارى بار ئىدى. ئەمدى بۇ شوئارنى پۈتۈن مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشەيلى دەپ ئۆزگەرتەيلى.
كېيىن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 50 مىللەتنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇرلاردەك قېيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىيەتنى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە خىتايلار قاتتىق باستۇرۇش بىلەن جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇنياغا ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشى كېرەك، ھازىرقى خىزمەتلەر يېتەرلىك ئەمەس. خىتايدا چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇڭا خىتاي بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشقا تىرىشىشىڭلار كېرەك، دىئالوگ قىلىش دېگەنلىك خىتاي بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش دېگەنلىك. بۇنى قىلىشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولۇشۇڭلار كېرەك.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باشلىقى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى قىلغان سۆزىدە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى بەك مۇھىم، ئۇيغۇرلارغا قوشنا دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-يىلى قول قويغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ بەزى قوشنا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.
ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاياللار دېموكراتىيىلىشىشنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى مەسىلىسى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
11 دۆلەتتىن 70 ئۇيغۇر ئايال ۋەكىل، قاتنىشىۋاتقان بۇ كۇرس، 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاللىندا داۋاملاشماقچى.