ئىناقلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ

ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ ئائىلىسى قۇرۇلۇپ، بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىنسانلار بارلىققا كەلدى. ئىنسانلار ئائىلىلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر - بىرى بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى ئورنىتىپ، ئۆز ئارىسىدا ئىنسانى مېھرى - مۇھەببەتنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىناقلىقنى، ئىللىقلىقنى بەرپا قىلدى.

0:00 / 0:00

دېمەك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىناق ئائىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مۇھتاج. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئەقىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق ئەر - ئاياللارغا مۇھتاج. ئائىلىدىكى ئىناقلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ. ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىدۇر.

ئائىلە ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببىتى بىلەنلا ئۆرە تۇرىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دېدى: "ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:" ئاياللار بىلەن ئۈنسى - ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئەر - ئايال ئاراڭلاردا مېھرى - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار" دەپ كۆرسەتكەن. بۇ پەقەت ئەر - ئاياللار ھېس قىلالايدىغان ۋە ئۇلار ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان مېھرى - مۇھەببەتنى، ئىللىقلىقنى، خاتىرجەملىكنى، ئىناقلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئايەت بولۇپ، بۇ خىل ئۇنسى - ئۇلپەت ئىنسان روھىدىكى ئىزتىراپ، تەشۋىش ۋە ۋەسۋەسىلەرنى يوقىتىدۇ. ئائىلە كىشىلىك ھاياتنىڭ ھۇلى، ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم ئورۇندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:" ئاياللىرىنى ئۇرىدىغانلار ياخشى كىشىلەر ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن. ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى بوزەك قىلىشى، ئۇرۇشى، خورلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى ئۇرغىنى، ئۆزلىرىنى خورلىغىنى، شۇنداقلا بالىلارنى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بوزەك قىلغىنى، ئۇرغىنى ۋە خورلىغىنى بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى ئاياللار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئانىلىرى ۋە ئەرلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر."

ئاياللارنى ھۆرمەتلەش گۈزەل ئەخلاق

ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھۆرمەتلەشنى بىر ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە بايان قىلىپ:" سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەممەن" دەپ كۆرسەتكەن. ئىنساننىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بىراۋ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى بولۇپ كەتسۇن، ئۇ ، بالىلىرىغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالمايدىكەن، مۇنداق كىشىنىڭ دىنى ناقىس بولغان بولىدۇ.

چۈنكى گۈزەل ئەخلاقمۇ ئەڭ ئېتىبارلىق ئىبادەت تۈرى بولۇپ، شۇ ئادەمنىڭ تەقۋالىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا ئاكتىپ بولۇپ، ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە سەل قارايدىغان ياكى ئائىلىسىگە قوپاللىق قىلىدىغان ئادەم جىمى ئىبادەتلەرنىڭ مەقسىتى بولغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئورۇندىمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئەر كىشى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۆي ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى مۇھىمدۇر.

ئاياللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئايال كىشىنىڭ ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسان نەسلىنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئانىلارغا مۇھتاجدۇر. پسىخولوگىيە، تەربىيە ئالىملىرى ۋە بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئايال كىشىنىڭ يارىتىلىشىدىن ئانىلىققا ھازىرلانغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. ئايال كىشى ئۆتەيدىغان ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەردىن بىرەرسىمۇ ئۆتىيەلمەيدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەرلەر جىنسى بىرلىشىپمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بولۇشى ئانا ـ بالا ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئانا ھەردائىم ئۆز بالىسىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ، باغرىغا بېسىشى ئارقىلىق ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىمۇ ئانىنىڭ مېھرى ـ شەپقىتىگە مۇھتاجدۇر. ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە پەرۋىشى ئاستىدا بولۇشقا، ئانىسىنىڭ تەبىئىي تاتلىق سۈتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئېھتىياجى چوڭدۇر. ئانا سۈتىدىن باشقا ھەر تۈرلۈك سۈتلەرنىڭ ھېچ بىرى ئانا سۈتىگە تەڭ بولالمايدۇ. ئەمما بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيىسىگە ۋە پەرۋىشىگە بولغان ئېھتىياجى ئۇنىڭ ئاق سۈتىگە بولغان ھاجىتىدىن چوڭدۇر، ئەلۋەتتە.

ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان، ئەڭ قىممەتلىك بالىلىرىنى ئۆزلىرى ھەر ۋاقىت باغرىغا باسماي، باشقا بىرسىنىڭ تەربىيە قىلىشىغا تاشلاپ قويۇشى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئەلۋەتتە ئاياللار ئۈچۈن ئىشتىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بايلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىرلىك ۋە ئەۋزەلدۇر. توغرا، ئائىلىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار سىرتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئاتا بولغان ئادەمنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈش بۇرچى باردۇر. شۇڭا ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتە ئاياللاردىن كۈچلۈك يارىتىلغان. ئائىلە ئېھتىياجلىرىنى ئاتىلار جايىدا تولۇقلىسا، ئانىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە ئارامىدا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.