ئايدىڭكۆلدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ مىيىپ قىلىنىش ۋەقەسىگە يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى

تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا، 2009 - يىلى 10 - ئايدا بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 نەپەر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن ئۇرۇپ مىيىپ قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تۈنۈگۈن مەزكۇر ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن، بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىى ۋە ئايدىڭكۆل ئەدلىيە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلىتىمىز.

0:00 / 0:00

دائىرىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سالام سۇبايىدىنگە ھەقسىزلىق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان بولسىمۇ، ۋەقە سادىر قىلغان 3 نەپەر ساقچىنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالانمىغانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنشۈ، سالامجان سۇبايدىننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنىش ۋەقەسىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى، بولۇپمۇ 3 نەپەر ساقچىنىڭ جازالىنىش ئەھۋالىنى تۇرپان شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. دەسلەپتە 3 نەپەر ساقچىنىڭ جازالىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن ماجيەنشۈ زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ جازاسىز قېلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئەسكەرتتى؛ ئەمما ئايدىڭكۆل يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋەقە سادىر قىلغان 3 نەپەر ساقچىدىن، ساقچى باشلىقى يۈنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچىدىن بىرىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىدە، يەنە بىرىنىڭ ئاپشاركا تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ پونكىت باشلىقى يەنە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىغا ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇش كاپالىتى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىگە 300مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايدىڭكۆلدىكى ئاھالىلەردىن بىرى ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى، ئەينى چاغدا ئامما ئارىسىدا بۇ ھەقتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغانلىقىنى ۋە بۇ غۇلغۇلىنىڭ ئايدىڭكۆلدە خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر ۋەقە ئەينى چاغدا ئايدىڭكۆلدە ئامما ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان. ۋەقە ۋاقىت جەھەتتىن، جىددىي بىر ۋەزىيەتكە يەنى 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە زوراۋانلىقلار داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئاممىنىڭ نارازىلىقىلىرى قەلبلىرىدە ساقلىنىپ قالغان. ئەلۋەتتە، بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرمىسىمۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىسىمۇ، ئۆز ئىش، ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ھەلەك بولۇپ ياشاۋاتسىمۇ، خىتاينىڭ جازالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بولسا قانۇننى دەپسەندە قىلسىمۇ، ئىنسانلارنى ئۇرۇپ مىيىپ قىلىپ قويسىمۇ جازاغا تارتىلماسلىقى، ئەلۋەتتە بىر مىللەت جەمئىيىتى ئۈچۈن ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ئاددىي ۋەقەلەر ئەمەس. شۇڭا مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئايدىڭكۆلدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكى ۋە بىخەتەرلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرغانلىقى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان يەنە باشقا ئىنكاسچىلارنىڭ بايانلىرىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا.