تورونتودىكى ئۇيغۇرلار تالانتلىق سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارغا شان شەرەپ كەلتۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى كانادا مىقياسىدا تونۇتۇشتا زور تۆھپە قوشقان داڭلىق سېرك ئارتىسى ئايگۈل مۇھەممەتنى تەبرىكلىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كانادادىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان «كانادالىقلار ۋە تالانت» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا شان شەرەپ كەلتۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى كانادا مىقياسىدا تونۇتۇشتا زور تۆھپە قوشقان داڭلىق سېرك ئارتىسى ئايگۈل مۇھەممەتنى تەبرىكلىدى.

تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا ئايگۈل مەمەتمۇ تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن نەق مەيداندا يۇقىرى ماھارەتلىك سېرك نومۇرى كۆرسەتتى ۋە بۇ مۇراسىمنى تەشكىللىگەن دوستلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.

مۇراسىمغا ئايگۈل مەمەتنى «كانادالىقلار ۋە تالانت» پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلىگەن ئۇستازى ئېلايمۇ قاتناشتى. ئايگۈل مۇھەممەت ئۆزىنى 8 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىنغا ئىگە «كانادلىقلار ۋە تالانت» پروگراممىسىنىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كىرگەن ئۇستازى ئېلايغا ئۇيغۇر دوپپىسى سوغا قىلدى.

تەبرىكلەش مۇراسىمى جەريانىدا بىز ئايگۈل مەمەتنىڭ ئۇستازى ئېلاينى زىيارەت قىلدۇق ئۇ بىزگە ئايگۈلنىڭ تالانتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئايگۈل مەمەت بىلەن مەن ئۇ كاناداغا كەلگەن 8 يىلدىن بۇيان بىرلىكتە ئىشلەۋاتىمىز. ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر تالانت بار، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇ كاناداغا كەلگەن 8 يىلدىن بۇيان تىرىشىپ مەشىق قىلىپ كەلدى. ھازىر ئۇ چوڭلار ۋە بالىلارغا گىمناستىكا دەرسى بېرىۋاتىدۇ. ئايگۈل بۇ قېتىم ‹كانادالىقلار ۋە تالانت› پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتتى. گەرچە ئۇ بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما يۇقىرى سېرك ماھارىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىسى بىلەن كانادالىقلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.ھازىر ئايگۈل تورونتو جۈملىدىن كانادادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سېركچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئايگۈل ‹كانادالىقلار ۋە تالانت› پروگراممىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن كانادا مىقياسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئورۇنلار ئۇنى ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق.»

ئايگۈل مەمەتنىڭ كانادادا چاقنىشى كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئىنتايىن خوشاللاندۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەسقەر ھىمىت ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەكرەم ئەپەندى ئايگۈل مەمەتنىڭ كانادادا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

شۇ كۈنكى مۇراسىمدا يەنە تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئايگۈل مەمەتكە سوۋغىلار تەقدىم قىلدى.