ئايگۈل توختى: "مېنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ كەتكۈم يوق ئىدى"

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاتماقتا. بۇ ۋەزىيەت، ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان نازارەتلەر، چەكلىمىلەر ۋە باستۇرۇشلاردىنلا ئەمەس، ئايرىم شەخسلەرنىڭ خۇسۇسى كەچۈرمىشلىرىدىنمۇ ئايان بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) (AFP Photo)

0:00 / 0:00

بورتالادىكى بىر تۈرمىدە 10 كۈن قاماپ قويۇلغان دەۋاگەر ئايگۈل توختى، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تۈرمىدىن چىقىشنى رەت قىلغان ۋە ساقچىلاردىن قىش چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، تۈرمىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى ئىلتىجا قىلغان.

5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھىي ۋە تۈرمىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق تەۋەككۈلچىلىكىگە ھەيران قالدى. بۇلار بۇ روھنىڭ يىلتىزىنى ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي خاراكتېر ۋە دىنىي ئېتىقادتىن ئىزدىدى. ئايگۈل توختىنىڭ تەسىراتلىرى مەزكۇر روھنىڭ يەنە بىر مەنبەسىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۈرمىنىڭ ئىچى بىلەن سىرتى ئارىسىدا پەرق قالمىغانلىقى، ھۆكۈمەت كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا غەزەپلەندۈرۈۋاتقانلىقىدۇر.

ئايگۈل توختىنىڭ تۈرمە تەسىراتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.