خىتاي ھۆكۈمىتى شاياردىكى بىر دىنىي كۇرسىنىڭ مۇددەرىسىنى قولغا ئالدى
2005.04.27
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيىسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، شايار ناھىيىسىنىڭ سىدەباغ مەھەللىسىدىكى بىر دىنىي كۇرسىنىڭ مۇددەرىسى ئاينىساخان مۇھەممەدنى قولغا ئالدى.
دىن ئۆگىتىش قانۇنسىزمۇ؟
باش شتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاينىساخان مۇھەممەد 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شايار ناھىيىلىك ئامانلىق قوغداش ئەترىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دىنىي كۇرسىدا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىۋاتقان بەش نەپەر تالىپى بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان. تالىپلارنىڭ چوڭى 20 ياش كىچىكى 12 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، تالىپلار ئىچىدىكى 4 نەپەر قىزنىڭ بىرى، شايارنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى بىر دىھقاننىڭ پەرزەنتى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى، ئاينىساخان مۇھەممەدنى "قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيىلىگەن، سىياسىي كېڭەش تۈزگەن دىنىي تەپسىر كىتابىنى ئوقۇتمىغان" دېگەن گۇناھلار بىلەن ئەيىبلىگەن. ساقچىلار ئۇنى ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز شايار ناھىيىسىدىكى ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ، دىلو توغرىسىدا ئوخشىمىغان جاۋابلارنى ئالدۇق. ناھىيە بازىرىدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، ئاينىساخاننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلمىدى. مەزكۇر خادىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاينىساخاننىڭ دىلوسىنى ناھىيىلىك ئامانلىقنى قوغداش ئەترىتىدىكىلەر ياخشى بىلىدىكەن.
خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى، ئۆز قانۇنىغا زىت
ئاينىساخاننىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىت، مەركىزى نيو-يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ " ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسى بولغان ئىسلام ئېتىقادى" غا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تاشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان "ئاق تاشلىق كىتابى" دا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنى كاپالەتكە ئىگىلىكىنى شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىد، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش بىلەن تەنقىدلىدى. ئۇ، خىتايلار ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە يول قويۇۋاتىمىز دەپ يازغان بولسىمۇ، مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چەتتە ئائىلە ئەزالىرى بولغانلار كۆزىتىش نىشانى
شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر دىلو ھەققىدە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا، " شايار ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شايار ناھىيە بازىرىنىڭ سىدەباغ ماھاللىسىدە بىر يەر ئاستى دىنىي كۇرسنى تارمار قىلىپ، ئاينىساخان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ 5 نەپەر تالىپىنى قولغا چۈشۈردى،" دەپ يازغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئاينىساخان مۇھەممەد بۇ يىل 35 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، شۇ مەھەللىدىكى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر زات ھېسابلىنىدىكەن.
مۇددەرىس خانىمنىڭ يولدىشى ئۆمەر روزى، 2001 - يىلى 5 - ئايدا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن پېتى ھازىرغا قەدەر قايتىپ كەلمىگەن. شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ئۆمەر روزىنىڭ ئۆيى ساقچىلارنىڭ تىزىملىكىدىكى " 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كۆزىتىش نىشانى" غا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاينىساخان مۇھەممەدنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە كۇرسى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ 25 - مارتتىكى " 2 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نىشانلار" نى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە پاش بولۇپ قالغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاينىساخان مۇھەممەدنىڭ دىنىي كۇرسى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن، شايار ناھىيىلىك پارتكوم ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ، ناھىيە - يېزا دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ باشلىقلار يىغىنىنى چاقىرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، دائىرىلەرنىڭ شايار ناھىيە بازىرىدىكى 18 مەسچىتنىڭ ئىمامىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى توختام تۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەسچىدلەرنى تېزگىنلەش شۇنداقلا مەسچىد ئىماملىرىغا سىياسى تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاينىساخان مۇھەممەدنىڭ دىلوسى تەكشۈرۈش باسقۇچىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ھارۇنخان ھاجىمنىڭ ھاياتىغا ئوخشىمىغان باھالار بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئۆلىمالارغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
- "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئەركىنلىك بارمۇ؟
- رابىيە قادىر خانىم قانداق قولغا ئېلىنغان؟ (1)