0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسىرى شەھىرىنىڭ مەلىھ غازى رايونىدىكى بىر باغچىغا 1996 - يىلى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننىڭ ئىسمى بېرىلگەن. باغچىنىڭ كىرىش قىسمىغا مەرمەردىن ئابىدە تاش تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننىڭ ئىش ئىزلىرى يېزىلغان. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ باغچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، كۈچى يەتمىگەن. بىز قەيسىرىدىن ئەنقەرەگە كېتىۋىتىپ، بۇ باغچىدا توختاپ، بۇ يەردە ئويناۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر ۋە مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.