"ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغان رايون" دىكى شەپەق فوندى جەمئىيىتى

يېقىندا، ئەنگلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان "ئەمەل" ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان "دان" يەنى شەپەق فوندى جەمئىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فوندى جەمئىيەت 2007- يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يېتىم-يېسىر ۋە ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش شۇنداقلا ئىگە - چاقىسىز قالغان ياشانغانلارغا ياردەم قىلىشقا ئوخشاش خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان "ئەمەل" ژۇرنىلى ئەنگلىيىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بىر نەشر ئورگىنى.7 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىۋاتقان بۇ ژۇرنال ئەنگلىيىدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمان جامائىتى تەرىپىدىن تونۇلغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن بىر ژۇرنال بولۇپ، يېقىندا بۇ ژۇرنالنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. " ئازاب - ئوقۇبەتتە قالغان رايون" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، نوپۇسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئائىلىسىگە تەۋە بولغان مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا كىرگەندىن بېرى رايونغا مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى بايان قىلىنىپ، "بۇ رايون ھازىر ئېغىر ئېتنىك توقونۇشلارنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلدى" دەپ بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە رايون ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ تەرەققىياتى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئورمانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قۇملىشىشنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقى، نەتىجىدە ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ پاكىز سۇ ئىچەلمەيدىغان، يەر تېرىپ، ئېتىزلىرىنى سۇغىرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ياشاش شەرتلىرىنىڭ نابۇت قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن :
- يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنى ئەنگلىيىدىكى شەپەق فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نائىم چۇخان ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. نائىم ئەپەندى 2005- يىلى روزى- رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ سەپەر جەريانىدا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن سەدىقە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھۋالنى ئۆزى ئۈرۈمچىدە تونۇشۇپ قالغان غالىپ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بالىغا ئېيتقان. غالىپ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال نائىم ئەپەندىگە نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئۆزى بىلىدىغان نامرات رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئاپارغان.

ماقالىدە نائىم ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەنلىرىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، نائىم ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىنى مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-مەن بۇ مەھەللىلەرنى ئايلانغاندىن كېيىنلا بۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن كىرگەن بىرىنچى ئۆي 70 ياشلاردىكى ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ياشانغان بوۋاينىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ پەقەت بىرلا ئېغىز ئۆي بولۇپ، ئۆيدە كونا بىر كارىۋات ۋە مەشتىن باشقا نە بىر ئىشكاپ، نە بىر ئۈستەل، نە بىر چىراغ بار ئىدى. بۇ بوۋاينىڭ بالا - چاقىسى، تۇغقانلىرى يوقكەن، ھېچقانداق كىرىمىمۇ يوق ئىكەن. ئۇ پۇت - قولىدا ئازراق ماغدۇرى بار ۋاقتىدا شەھەرگە كىرىپ ئانچە مۇنچە تىلەمچىلىك قىلغان ئىكەن. ئەمما، ھازىر ئۇنىمۇ قىلالمايدىغان بۇ بوۋايغا ئېغزىغا بىر نەرسە سالمىغىلى بىر قانچە كۈن بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ غالىپ ئارقىلىق ماڭا ھېكايىسىنى دەپ بېرىۋاتقاندا مېنىڭ بوغۇزۇمغا خۇددى بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم. مەن ئۇ بوۋايغا بىرئاز پۇل بەردىم. كېيىن بىز بىرلىكتە دۇئا قىلدۇق، ئۇ چاغدا مېنىڭ كۆزۈم لىق ياشقا تولغان ئىدى. مانا بۇ ۋەقە مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ئىشنى باشلىشىمغا تۈرتكە بولدى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، نائىم ئەپەندى ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن يەنى 2006 - يىلى " دان" يەنى شەپەق فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قارار قىلغان بولۇپ، ئۇ فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى يېتىم-يېسىر بالىلار، شۇنداقلا نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىش، باشپاناھسىز قالغان قېرى - چۆرىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فوندى جەمئىيىتى كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى نامرات بالىلارغىمۇ ياردەم قىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلغان 7 سىنىپى بار بولۇپ، بۇ سىنىپلاردا ئۈرۈمچىدىكى يېتىم-يېسىر ۋە ئوقۇشسىز قالغان بالىلار ئوقۇتۇلۇۋاتقان ئىكەن.

'ئەمەل" ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئالاھىدە نامرات رايونلىرىدىن تاللانغان بۇ بالىلار ھازىر مەكتەپتىكى بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن ماتېماتىكا، ئىنگلىزچە، رۇسچە ۋە كومپيۇتېرغا ئوخشاش دەرسلەرنى ئالىدىكەن. ماقالىدە بۇ مەكتەپنى ئوقۇغان بىر قانچە ئۇيغۇر بالىنىڭ بۇ سىنىپلاردا ئىنگلىزچە ۋە كومپيۇتېر دەرسى ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن خىزمەت تېپىپ، ئائىلىسىنى باققۇدەك ھالغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر يەنە نۇرغۇن بالىلار ۋە ياشانغانلار ياردەمگە موھتاج بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك بۇ فوندى جەمئىيىتى ھازىرچە چەكلىك كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ماقالىدىمۇ بۇ نۇقتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، ماقالىدە نائىم ئەپەندىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى يېزىلغان بولۇپ، ماقالە تۆۋەندىكى بىر جۈملە بىلەن ئاياغلىشىدۇ:
نائىم چۇخان ئەپەندى ئىبراھىم بوۋاي بىلەن تونۇشقان ۋاقتىدىكى ئەسلىمىسىنى قەلبىگە چىڭ پۈككەن ھالدا، خىتايدىكى بۇ ئۇنتۇلۇپ قالغان مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قولىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلماقتا.

http://www.dawn-foundation.co.uk/Opens in new window ]