سوتتىن كېيىن، شۋېتسىيە سوتىدا بابۇر مەخسۇتنى ئەيىبلىگۈچى توماس لىندستراند ئەپەندى ھەم بۇ قېتىملىق سوتتا گۇۋاھلىق بەرگۈچى سۈپىتىدە سوتقا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
توماس لىندستاراند ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھالقىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توماس لىندستاراند ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بابۇر مەخسۇت، شۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، 1997 - يىلىدىن بۇيان شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئەھۋالى، سالامەتلىك ئەھۋالى، قايسى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار ھەققىدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
توماس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ ئاساسەن رەتلىنىپ بولۇپ، ھازىر گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا چاقىرىلىپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىنى، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سوت ئاياغلىشىپ، بۇ دېلو ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى، 3 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى ھۆكۈم نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ قېتىملىق سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ سوتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ شۋېتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدا بابۇر مەخسۇتنىڭ جىنايى پاكىتلىرى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرگەن چېغىدىكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىسپاتلارنى كۆرگەن چېغىدا كۆڭلىنىڭ تولىمۇ يېرىم بولغانلىقىنى، مەيلى سوتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولسۇن، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ھەم ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.