باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار

ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ تۈركىيىدە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر خىل ئىلمىي يىغىنلار چاقىرىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

2008 - يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆچمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە چاقىرىلغان ئىلمىي يىغىنلار داۋام قىلماقتا.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ خىل يىغىنلاردا مەھمۇت قەشقىرى خاتىرىلىنىپلا قالماستىن ، ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ خىل يىغىنلاردىن بىرى بۈگۈن يەنى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئەزەربايجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەھمۇت قەشقىرى ناملىق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قول يازمىلار ئىنستىتۇتى مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور تەرلان قۇلىيېف، سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور نۇرىدە نەۋرۇزوۋا، سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئايگۈل ھاكېيېۋا ۋە باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رامىز ئاسكەر قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇ يىغىندا تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەربەيجان تىلى بىلەن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان، تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە 4 كىتابى نەشر قىلىنغان دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى `2008 - يىلىدا تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر` تېمىسىدا، پروفېسسور نۇرىدە نەۋرۇزوۋا خانىم بولسا `مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قىممىتى` تېمىسىدا، پروفېسسور تەرلان قۇلىيېف ئەپەندى بولسا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن مۇتەخەسسىسلەردىن تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللار سورىغان. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.