بۈگۈن يەنى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا دۆلەت نېفىت ئاكېدىمىيىسىگە كىرگەن قوراللىق بىر كىشى ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىگە ئوق چىقىرىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ نەق مەيداندا 13 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
دوختۇرخانىغا بارغىچە ۋە دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلەرنى قوشقاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئون سەككىزگە چىققان. ئازەربايجان خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھۇجۇم ئېلىپ بارغان كىشى گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قۇتقۇزالماي كۆپ ساندا كىشى ئۆلگەن ياكى يارىدار بولغان. ئۆلگەن 18 كىشى قوراللىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان سەردا ئىسىملىق ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئازەربايجان ئىچكى ئىشلىرى مىنىستىرى رامىل ئۇسۇلوۋ ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ باكۇدىن بىزگە مەلۇمات بەرگەن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. رامىز ئاسكەر ئەپەندى بۇ ئۆلگەن كىشىلەر ئارىسىدا نېفىت مەكتىپىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى رامىز ئابدۇللايېۋ بىلەن بىرى سۈرىيە يەنە بىرى سۇدان ۋەتەندېشى ئىككى چەتئەللىكنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 250 تۈرك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۆلگەن ياكى يارىدار بولغانلار ئارىسىدا تۈركلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بىزگە بەرگەن مەلۇماتتا بۇ قوراللىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ياشنىڭ گرۇزىيە ۋەتەندېشى ئازەرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.