باش مىنىستىر ئەردوغان: بالا چۈشۈرۈش جىنايەت، تۇغۇت چەكلەش زۇلۇم

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، بالا چۈشۈرۈش جىنايەت ۋە تۇغۇت چەكلەشنىڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيىدە بەس-مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى، بۇ سۆزلەرنى قوللىغانلار ۋە قارشى چىققانلارمۇ بولدى. بۇ ھەقتە تۈركىيىدە بەس-مۇنازىرە داۋام قىلماقتا.

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە ھامىلە ئاياللارنىڭ تەبىئىي ھالدا تۇغماستىن ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل تۇغۇشنىڭ نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى چۈنكى ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ تۇغقان ئاياللار ئۈچىنچى قېتىم تۇغمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ خىل قىلمىشلارنى نوپۇس ئازايتىش ھەرىكىتى دەپ باھا بەردى.

تۈركىيىدە ئادەتتە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئىنسانلاردا 2 دىن ئارتۇق تۇغماسلىق ئېڭى ئومۇملاشقان بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، باش مىنىستىر ئەردوغان پات-پات بايانات بېرىپ ئەڭ ئاز 3 ياكى 5 ئەۋلادلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى ۋە ھەر ئائىلىدە ئەڭ ئاز 3 پەرزەنت بولۇشنى خالايمەن،-دېدى.

باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ بالا چۈشۈرۈش جىنايەت، تۇغۇت چەكلەش زۇلۇم دېگەن سۆزلىرى تۈركىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئاخباراتلاردا، رادىئو-تېلېۋىزىيىلەردە تالاش-تارتىشلار داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە، ئىجتىمائىي تەتقىقاتچىلار، دوختۇرلار، دىنى ئالىملار، ۋە سىياسىيونلار ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا بەس-مۇنازىرە قىلماقتا.

ئەردوغان: ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جىنايەت

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالا چۈشۈرۈشنىڭ ئىككى خىل قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، ئانا قورسىقىدىكى بالىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بار، ئىككىنچىسى ئانىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىق. مەن بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولغانلىقى ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. ئانىنىڭ قورسىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاق بىلەن تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئىنساننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق پەرق يوق.

باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ ھەقتە ئاياللارنىڭ سەزگۈر بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: بالا چۈشۈرۈش بىر جىنايەت. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا بالا چۈشۈرۈشكە قارشى جىددىي بىر كۈرەش بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە قانۇن تۈزۈلدى. غەرب ئەللىرىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئوخشاش شەكىلدە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۈزۈلگەن قانۇنلار بار. بىزمۇ بۇ ھەقتە قانۇن چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدا بۇنىڭ بىر ئورنى بار. بالا چۈشۈرۈشكە يول قويمايمىز.

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ تۇغۇت ھەققىنى كۆپ ئېلىش ئۈچۈن نورمال ھالدا تۇغۇش ئىمكانىيىتى بار ئاياللارنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى بۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىلاردا بۇ خىل قىلمىشلارغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇش ۋەقەسىنىڭ نوپۇسنى ئازايتىش، تۇغۇتنى چەكلەشكە ئالاقىدار بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت بولمىسۇن؟ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇلسا ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت بولمايدۇ، بۇ ئەھۋال نوپۇسنى ئازايتىدۇ، دېدى. باش مىنىستىر ئەردوغان خەلقىنى كۆپ تۇغۇشقا تەشەببۇس قىلماقتا ۋە تۈركىيە نوپۇسنى كۆپەيتىشكە تىرىشماقتا.

تۈركىيىدە تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈشنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەس مۇنازىرە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىنىڭ «تۋ-5» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ھاياتى توغرىسىدا بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، تۇغۇت چەكلەۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ بالىسى چۈشۈرۈلگەن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى بالىسى چۈشۈرۈلگەن ئاياللار دوختۇرخانىدا تەلەپكە لايىق داۋالانمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە بويسۇنمىغانلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جازا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدە يەنە 1991-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە 118765 ئايالنىڭ بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بۇ سان پۈتكۈل شەھەرنىڭ 49% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 82 ناھىيىدە قانچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بوۋاقلىرى ئانا قورسىقىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇرلاردا مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ئېغىر دەرىجىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلىگەنلىكى سىر ئەمەس.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2 دىن ئارتۇق پەرزەنتى بار ئۇيغۇر ئاياللارنى تۇغماس قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل دورا ۋە ئوكۇل ئىشلىتىش چارە-تەدبىر قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن ئۇيغۇر بوۋاقلىرىنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار رۇخسەتسىز تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن نوپۇس ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنماي قارا نوپۇس ھالدا ياشىماقتا.