خىتايدا بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى

خىتايدا بۇ يىل "1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى" مەزگىلىدە بالىلارغا قارىتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. "1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى" كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بېيجىڭدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم " خىتايدىكى بالىلار پاراۋانلىق سىياسىتى دوكلاتى"نى ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-06-01
Share
Uyghur-balilar-305.jpg 2006 – ﻳﯩﻠﻰ 13 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﮕﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.
AFP Photo

خىتايدا ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن كىچىك بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ يىلقى بالىلار بايرىمى بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ خىل بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.

"شىنخۇا ئاگېنتلىقى" دا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى 30 - ماي تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، جايلاردىن بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە بالىلار بارىدىغان سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلەردىكى بالىلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇنلاردا ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش خادىملىرى يىللاردىكىدىن كۆپەيتىلگەن.

"تەڭرىتاغ تورى"نىڭ 1 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 31 - ماي ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىمۇ، 5 - ئاي مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە "مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلارغا زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىمۇ سۇ ئۈستى باغچىسى، خەلق باغچىسى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا بايراملىق بارىدىغان بالىلار يىلدىكىدىن ئاز بولغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈرۈمچىدىكى بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل، بۇ كىشى بالىلىرىنى سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىغان ۋە چۈشتىن كېيىن باغچىدا ئادەم كۆپىيىشكە باشلىغان مەزگىلدىلا بالىلىرىنى باغچىدىن ياندۇرۇپ كەتكەن.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ يىل باغچىدا بالىلار يىللاردىكىدەك كۆپ ئەمەس ئىكەن. بۇ يىل ھەرقايسى مەكتەپلەرمۇ ئىلگىرىكىدەك بالىلارنى تەشكىللىك ھالدا باغچىلارغا ئاپىرىپ پائالىيەت ئۆتكۈزمىگەن. كۆپىنچە مەكتەپلەر 28 - ماي مەكتەپنىڭ ئۆزىدىلا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. سىنىپ تەربىيىچىلىرى بالىلارنى بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، بالىلارغا قايتا - قايتىلاپ، بايرام مەزگىلىدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا، ھەرقانداق جايغا چوقۇم ئاتا - ئانىسى ۋە چوڭلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بېرىشنى تاپىلىغان. بۇ كىشى يەنە، ئۆزىنىڭ 28 - ماي مەكتەپتىن ئەۋەتىلگەن، "ئاتا - ئانىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە، بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش" ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 - ئىيۇن ئېلان قىلغان "خىتايدىكى بالىلار پاراۋانلىق سىياسىتى دوكلاتى"، "خىتاي خەۋەرلەر تورى" دا "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتايدا مەخسۇس بالىلار پاراۋانلىق خىزمىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى دوكلات" دەپ كۆرسىتىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىيات شىركىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىرلەشمە دوكلات ئىكەن.

دوكلاتتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى، مەركىزى ھۆكۈمەت ھەم جايلاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بالىلار پاراۋانلىق خىزمىتى خۇلاسىلانغان. دوكلاتتا خىتايدىكى بالىلار پاراۋانلىق خىزمىتىنىڭ يەنىلا نۇرغۇن جەھەتلەردە تولۇقلاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتايدا دۆلەت بويىچە سىستېمىلاشقان بىر گەۋدىگە ئايلانغان بالىلار پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 5 ياشتىن 15 - ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. يارىلىنىش ھەم ئۆلۈش پاجىئەسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بالىلار ئىچىدە 60%تىن كۆپرەكى باشقىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ھەم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئىكەن. خىتايدا ھەر يىلى 40 مىليون باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەر خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بولۇپ، خىتايدا بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش نىسبىتى 50%كە يېتىدىكەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇر بىز قاتارلىق تور بەتلىرىدە بۇلتۇر "ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلار" تېمىسىدا مەخسۇس مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئاپىرىلىپ سېتىۋېتىلگەن، ئوغرىلىق يانچۇقچىلىق ئىشلىرىغا سېلىنغان سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇراجىئەتنامىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غۇلجىدا قۇرۇلغان "نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپى"، "سادىق ھاجىم باشلانغۇچ مەكتىپى"، ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق شەھەرلەردىكى پېنسىيىگە چىققان زىيالىي ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن "مېھرىبان ئانىلار" فوندى جەمئىيەتلىرى، ياش سودىگەرلەردىن تەشكىللەنگەن "مېھرىبان ئاتىلار" فوندى جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلار ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتىم، نامرات، سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلق ئىشلار ئىدارىسى، بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يىللاردا بالىلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى يەنىلا يېتەرسىز بولماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بىرقانچە قېتىملىق بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ، جايلاردىن بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنىپ، بالىلار پاراۋانلىق خىزمىتىنى "خىتاينىڭ 12 - 5 يىللىق پىلانى"غا كىرگۈزۈش، مەخسۇس بالىلار ھوقۇقى قوغداش قانۇن سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش تەشەببۇس قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنى ھەق ھوقۇقلىرى مەسىلىسى خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت