مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيگەن. شۇنداقلا بالىلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تۈرلۈك بېسىم ھەم كەمسىتىشلەرگە ئۇچراش ئەھۋالىمۇ بارغانچە ئېغىرلاشقان.
ئوغۇللىرى دىنىي كىتاب ساتقىنى ئۈچۈن تۈرمىگە يېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ئانا، بۇلتۇر 5 - ئاي مەزگىلىدە چوڭ ئوغلى دائىرىلەر تەرىپىدىن، "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يولدىشى ئىككىيلەننىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ئانا سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئارتىلغان "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەتكە قايىل بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە كەنجى ئوغلى، بۇلتۇر ئەتىياز مەزگىلىدە نىڭشا ئۆلكىسىدە نەشر قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش دىنىي كىتابلارنى ھەم دىنىي ئەقىدىلەر بايان قىلىنغان سىنئالغۇ فىلىملىرىنى ساتقىنى ئۈچۈنلا، چوڭ ئوغلى يەرلىك قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كەنجى ئوغلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئەمما بۇ خىل دىنىي كىتابلار نىڭشا، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەت نەشىرياتلىرىدا نەشر قىلىنغان، خەلق ئىچىدە ئاشكارا سېتىلىدىغان كىتابلار ئىكەن.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك تەقۋادار ئائىلە بولۇپ، يولدىشى ئىككىيلەن 3 ئوغلىنى كىچىكىدىن ئەخلاقلىق ۋە دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك قىلىپ تەربىيىلىگەن. مانا بۇ سەۋەبىدىن، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ئانا سۆزىدە يەنە، بۇلتۇر 5 - ئاي مەزگىلىدە چوڭ ئوغلى مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىدا، ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز قان بېسىمى ئۆرلەپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا ئۇزۇن مەزگىل داۋالانغانلىقىنى، ئېرىنىڭ بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 40 كۈن سولاپ قويۇلۇپ، باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن كەنجى ئوغلىنى تېپىپ بېرىشكە قىستالغانلىقىنى، شۇندىن بۇيان ئەر - ئايال ئىككىيلەننىڭ سالامەتلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، 3 يىل ئىلگىرى "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان ئوتتۇرانچى ئوغلى يېقىندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىن تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، نېرۋىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقان ھالەتتە قايتىپ چىققان بولغاچقا، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئوغلىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئېرى ئىككىسىنىڭ ئىلگىرى مەلۇم زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى ئىكەنلىكىنى، زاۋۇت ۋەيران بولۇپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ شىركەتتىن بېرىلىدىغان ئازغىنا پېنسىيە مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئانا سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ھازىر بۇ ئائىلىگە كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى تۈرلۈك بېسىملار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "شۇنداق، بىز ئەسلى تەقۋادار بەختلىك بىر مۇسۇلمان ئائىلىسى ئىدۇق. بارلىق مېھىر ۋە ئەجرىمىزنى بالىلارغا ئاتىغان ئىدۇق. ئاللا بىزگە نېسىپ قىلغان ۋاپادار، ئەخلاقلىق 3 ئوغلىمىز، ھايالىق بىر قىزىمىز بار دەپ پەخىرلىنەتتۇق. لېكىن مانا ھازىر چوڭ ئوغلىمىز تۈرمىدە، ئوتتۇرانچى ئوغلىمىز جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەقلى - ھوشىدىن ئايرىلدى. كەنجى ئوغلىمىز ياقا يۇرتلاردا قېچىپ يۈرۈپتۇ. ئائىلىمىز بولسا يېزىمىزدىكى نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان ئائىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ھازىر قولۇم قوشنىلارمۇ بىز بىلەن ئىلگىرىكىدەك قويۇق بېرىش - كېلىش قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا چۈشىنىمىز. ئەمما بىز يەنىلا سەۋرى قىلىمىز، ئاللاغا ئىشىنىمىز. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، ياخشى كۈنلەر بىزگىمۇ نېسىپ بولار دېگەن ئۈمىد ئىچىدە ياشاۋاتىمىز."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.